首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-05-16 17:33:12 :ۋاقىت

شۆھرەت زاكىر، شۇ يىنبياۋ سۆھبەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئۈرۈمچىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ئىشلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتگۇرۇپپا شۇجىسى شۇ يىنبياۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن شۇ يىنبياۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالدى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرغاچقا، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش كاپالەت ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئېشىپ، ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش›› ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچىيىپ، 750 كىلوۋولتلۇق تور رامكىسى تېز تەرەققىي قىلدى. چوڭ تىپتىكى كۆمۈر ئېلېكتىر ۋە يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلۇپ، توك مەنبەسى قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك مەدەت ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلىدى. شىنجاڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى بىرلىكتە ياخشى قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە يارىتىدۇ. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە كەسپى تەرەققىياتىغا بۇرۇنقىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ‹‹شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىپ ۋە قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۇ يىنبياۋ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىركەتكە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىركەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى قوللىشى ئاستىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازانلارنى توكلۇق پار قازانغا ئۆزگەرتىشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئالدىن راۋانلاشتۇرۇش، بىرىنچى تۈركۈمدە ئۈلگە كۆرسىتىشنى يولغا قويۇش، ئىسسىق ساقلاش تىپىدىكى توك پارۋاينى ئىشلىتىش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق تايانچ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش›› بويىچە ئۈچىنچى قېتىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولىنى مۇزاكىرە قىلىپ دەلىللەشنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئېغىر نامرات رايونلاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بويىچە يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى يولغا قويىدۇ. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىشلىرىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش