首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-05-16 17:34:29 :ۋاقىت

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 2 – يىغىنى يېپىلدى

مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 2 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. يىغىندا ‹‹دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي تەۋرەنمەي مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدىكى قارار›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن بۇ قېتىمقى يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يۇقىرى دولقۇنى قوزغاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە چوڭ ئۆگىنىشى، ئىدىيەنى چوڭ قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق خىزمەت سۈپىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قارارىدا شەكىللەنگەن يىغىن ئورتاق قارىشى، يىغىن نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىشتە ئۈلگە بولۇشقا كۈچەش كېرەك؛ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشتا مەسئۇلىيەتنى تىرىشىپ ئادا قىلىشقا كۈچەش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چارە – تەدبىر كۆرسىتىشكە كۈچەش كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەشكە كۈچەش كېرەك؛ دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچەپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە، يېڭى ئىستىل، يېڭى ئۈنۈم ئارقىلىق ئەلا نەتىجە بىلەن جاۋاب بېرىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەملىكەتلىك يەرلىك سىياسىي كېڭەش باش كاتىپلىرى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قوشۇنى، سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سېيىتقامزا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، دۇ ۋەنگۈي، چيۇ شۇخۇا، ئىلھام سابىر، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش