首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈريولىدا تۇنجى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تېز يۈك پويىزى قاتنىدى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2018-05-17 17:47:49 :ۋاقىت

ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 5 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 1000 توننا پاختا يىپ، ۋىسكوزا تالا قاچىلانغان X206-قېتىملىق تېز يۈك پويىزى كورلا بېكىتىدىن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ غەربىي ۋوگزالى شياۋشەن بېكىتىگە كەلدى.

بۇ تېز يۈك پويىزى كورلا يۈك تىرانسپورت مەركىزى شىنجاڭ «جۇڭتەي» خىمىيە چەكلىك شىركىتى، «لىتەي» يىپەك يولى چەكلىك شىركىتىنىڭ تىرانسپورت تەلىپى بويىچە تەسىس قىلغان تۇنجى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تېز پويىزى ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ «جۇڭتەي» خىمىيە چەكلىك شىركىتى، «لىتەي» يىپەك يولى چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى چوڭ تىپتىكى خىمىيە سانائەت، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كارخانىسى بولۇپ، ئىككى كارخانا 2015-يىلدىن باشلاپ تۆمۈريول ئارقىلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشقا باشلىغان. كارخانا كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشى، ئادەتتىكى يۈك پويىزىنىڭ شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خېرىدارلارنىڭ ئېھتياجىنى قاندۇرالماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، تېز يۈك پويىزىنىڭ توشۇش مۇساپىسى ئۇزۇن، مىقدارى كۆپ، تېز ۋە بىخەتەر بولۇشتەك تىرانسىپورت ئۇسۇلى بۇ يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىدى.

كورلا يۈك تىرانسپورت مەركىزى تىجارەت ۋە پىلان بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جۇ يۈنيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تېز يۈك پويىزىنىڭ تىرانسپورت ئۇسۇلى «يولۇچىلار پويىزىغا ئوخشاش» يۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر تۇتاش پۈتۈن مۇساپىلىك مۇلازىمەت» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلارنى ئازايتىپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، تىرانسپورت ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، رايونلار ئارا يۈك تىرانسپورتىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى.

«لىتەي» يىپەك يولى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى خۇ شىجۇڭ مۇنداق دېدى: تېز يۈك پويىزىنىڭ ۋاقىتچانلىقى كۈچلۈك، پۈتكۈل مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈشكە ئۈچ كۈنلا كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى تىرانسپورت ئۇسۇلىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى تېجەپ قېلىندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش