首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يايلاق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2018-05-17 17:48:51 :ۋاقىت

نەچچە كۈندىن بۇيان قۇتۇبى ناھىيەسى چۇرگۇل بازىرى قارا تۆپە كەنتىدە چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار بىداياق تېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

بىداياق كۆپ يىللىق باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئوت-چۆپ بولۇپ، بىداياق ئارقىلىق چۆللىشىشنى تىزگىنلەش، شور يەرلەرنى ياخشىلاش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

چۇرگۇل بازىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېتىشتۈرگەن بىداياق تۈرىنى كېڭەيتىپ، يايلاق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكتورى ليۇ خۇي مۇنداق دېدى: «بىز گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن شەھىرىدە سىناق ئېلىپ بارغان، بۇ خىل بىداياقنىڭ تېرىلىپ ئىككىنچى يىلىدىكى قاپلاش نىسبىتى %50 كە، ئۈچىنچى يىلىدىكى قاپلاش نىسبىتى %100 كە يېتىدۇ، ئۇنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش رولى ناھايىتى كۈچلۈك».

قۇتۇبى ناھىيەسى بۇلتۇر بىداياق تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 10 مىڭ موغا يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يىل تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 13 مىڭ 500 موغا كېڭەيتىش ۋە 215 مو تەجرىبە ئېتىزىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى مۆلچەرلىدى. كېلەر يىلى قۇتۇبى ناھىيەسى بىداياق تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 50 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، يايلاق ئېكولوگىيەسى ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىدە قوش ھوسۇلنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دۆلىتىمىز 2011-يىلى شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئاساسلىق يايلاق چارۋىچىلىقى رايونلىرىدا يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردىمى مۇكاپات مېخانىزمى (قىسقارتىلىپ يايلاق ياردىمى مۇكاپات مېخانىزمى دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇپ، يايلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەش ۋە يايلاق بىلەن چارۋىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى يايلاق باشقارمىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يايلاق ياردىمى مۇكاپات مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي يايلاق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.

بولۇپمۇ، 2016-يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردىمى مۇكاپاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يايلاق قوغداش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، يايلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەش ياردىمى ئۆلچىمىنى ئەسلىدىكى بەش يۈەن/مودىن ئالتە يۈەن/موغا، يايلاق بىلەن چارۋىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مۇكاپات ئۆلچىمىنى ئەسلىدىكى 1.5 يۈەن/مودىن 2.5 يۈەن/موغا ئۆستۈردى، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى كۆلىمىنى ئەسلىدىكى 1 مىليون 500 مىڭ مودىن 5 مىليون 100 مىڭ موغا كۆپەيتتى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 150 مىليون 100 مىڭ مو يايلاقتا چارۋا بېقىش چەكلەندى، 540 مىليون 900 مىڭ مو يايلاقتا يايلاق بىلەن چارۋىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەبىئىي يايلاقلاردا ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ئومۇمەن تۇراقلىق بولۇپ، ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قاپلىنىش دەرىجىسى، ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم %41.48 ۋە 27.9 سانتىمېتىر بولدى. ئارىسىدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە چارۋا بېقىش چەكلەنگەن تەبىئىي يايلاق رايونلىرىدا ئوت-چۆپ مىقدارى 2010-يىلىدىكىدىن %32.66، يايلاق بىلەن چارۋىلار تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان تەبىئىي يايلاق رايونلىرىدا ئوت-چۆپ مىقدارى 2010-يىلىدىكىدىن %26.53 ئاشتى، تەبىئىي يايلاقلاردا نورمىدىن ئاشۇرۇپ چارۋا بېقىش نىسبىتى 2010-يىلىدىكى %33 تىن ھازىرقى %8.7 كە چۈشتى.

خېجىڭ ناھىيەسى خارمۇدۇن بازىرى جۆلۇن تۆرگىن كەنتىدىكى چارۋىچى ماڭ كەي مۇنداق دېدى: «يايلاق ياردىمى مۇكاپات مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىزنىڭ بۇ يەردە ئوت-چۆپلەر بارغانسېرى قۇيۇق ئۆستى، بەزى جايلاردا ئوت-چۆپلەر تىزدىن ئاشىدۇ، بىز ياردەم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ يەنە چارۋىلارنىڭ نەسلىنى ياخشىلىدۇق».

خېجىڭ ناھىيەسى بۇ بىرقانچە يىلدا «بىر تۇتاش لايىھەلەش، بىر تۇتاش بەرپا قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە تۈجۈپىلىك، كۆلەملەشكەن ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قۇرۇش ئارقىلىق چارۋا بېقىش چەكلەنگەن رايوندىن چېكىنىپ چىققان چارۋىچىلار، چارۋىلارنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى. ھازىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا مەلۇم كۆلەمگە ئىگە باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى شەكىللىنىپ، چارۋىچىلىق «تۆت پەسىللىك كۆچمەن چارۋىچىلىق» شەكلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدىن ئاستا-ئاستا «ياز پەسىلىدە يايلىتىپ بېقىش، قىش پەسىلىدە قوتاندا بېقىش» شەكلىگە قاراپ ئۆزگەردى. 2017-يىلىغىچە خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىقتىن يايلاققا قايتۇرۇش كۆلىمى 110 مىڭ مو، چارۋا بېقىشنى چەكلەش، چارۋا بېقىشنى توختىتىپ تۇرۇش كۆلىمى 650 مىڭ مو، يايلاق بىلەن چارۋىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رايونى كۆلىمى 27 مىليون 510 مىڭ موغا يەتتى. چارۋىچىلار ياردەم مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، يەنە يەم-خەشەكلەرنى سۈنئىي تېرىپ، يايلاق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، كىرىمىنى ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل دۆلەت يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردىمى مۇكاپات مەبلىغىدىن 2 مىليارد 477 مىليون يۈەننى 690 مىليون مو يايلاقنىڭ ياردەم مۇكاپاتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىشلىتىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، چارۋا بېقىش چەكلەنگەن يايلاق 150 مىليون مو، يايلاق بىلەن چارۋىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان يايلاق 540 مىليون مو كېلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش