首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-05-17 17:50:35 :ۋاقىت

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېقىنقى مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى چۈشىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تور – ئۇچۇر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تورنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تور – ئۇچۇر خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ساداسىنى تارقىتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 2 – يىغىنىنىڭ قارارىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ روھىنى ئورگان خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلىپ، يىغىننىڭ نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئورگىنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئالاقىدار ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئورگاننىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى بىرتۇتاش ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، پىلانلاپ، باسقۇچقا، قەدەمگە بۆلۈپ، تولۇق قاپلاپ، نەزەرىيە چوڭ ئۆگىنىشى، ئىدىيەنى چوڭ قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش