首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھېسابات نومۇرىنى يانفوندا تەكشۈرگىلى بولىدۇ

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2018-05-23 06:58:33 :ۋاقىت


سۈرەتتە: مەشغۇلات تەرتىپى ئىسخېمىسى

ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: ھەر ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا شەخس قانچىلىك پۇل تاپشۇرىدۇ، ئىدارە-ئورۇن قانچىلىك پۇل تاپشۇرىدۇ؟ شەخسىي ھېسابات نومۇرىدا ھازىر قانچىلىك پۇل بار؟ بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار يانفون ئارقىلىقلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى تەكشۈرەلەيدۇ.

مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنى شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت 12333 ئورگان ئۈندىدارىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت 12333» (新疆人社12333) دا شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، تىزىملاتقاندىن كېيىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرگىلى بولىدىكەن.

كارتىنى باغلىغان ئابۇنىچىلار مۇناسىپ تىزىملىكنى باسقاندىن كېيىن، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغان ئىدارە-ئورۇن، ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى، ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئۆزگەرتىلگەن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرەلەيدىكەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىستېمال ئىنچىكە ھېساباتىنى ئىگىلىيەلەيدىكەن.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى تەكشۈرۈشتە ئاۋۋال ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرچىسى (社保通) غا تىزىملىتىش كېرەك. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار يانفونىدا «سودا-سانائەت بانكىسى ئەپ دېتالى» ياكى «قۇرۇلۇش بانكىسى ئەپ دېتالى» بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن. نۆۋەتتە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرچىسىغا تىزىملىتىش نومۇرىنى مۇشۇ ئىككى بانكىدىلا ئېچىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، شۇڭا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بانكىغا بېرىپ بىر دانە سودا سانائەت بانكىسى كارتىسى ياكى قۇرۇلۇش بانكىسى كارتىسى بېجىرىشى تەۋسىيە قىلىنىدىكەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش