首页 > خەۋەرلەر > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەنگلىيە يورك كېنەزى، شاھزادە ئاندىروۋ بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-05-30 18:50:19 :ۋاقىت

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى خەلق سارىيىدا ئەنگلىيە يورك كېنەزى، شاھزادە ئاندىروۋ بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى خەلق سارىيىدا ئەنگلىيە يورك كېنەزى، شاھزادە ئاندىروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ شاھزادە ئاندىروۋ ۋە ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ جۇڭگو – ئەنگلىيە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشقانلىقىنى تەرىپلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن 2015 – يىلى ئەنگلىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹ئالتۇن دەۋرى›› ئېچىلدى. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش بولدى، بىراق جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹ئالتۇن دەۋرى›› داۋاملىق پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. باش ۋەزىر تېرىسامىي بۇ يىلنىڭ بېشىدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، ئىككى دۆلەت ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقتا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن يۇقىرى قاتلامنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، قەرەللىك سۆھبەتلىشىشنى ياخشى قىلىپ، جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يولدا ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.
   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىش ئۈچۈن، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹ئالتۇن دەۋرى››گە تېخىمۇ كۆپ يېڭى مەزمۇن قوشىدۇ.

ئاندىروۋ شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتتى ھەم ئايال پادىشاھ ئېلزابېت II نىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭمۇ تەشەككۈر ئېيتتى ھەم ئاندىروۋغا ئايال پادىشاھ  ئېلزابېت II گە سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى.

ئاندىروۋ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ 2015 – يىلى ئەنگلىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئەنگلىيە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلەنگەنلىكىگە يۈكسەك دىققەت قىلىۋاتىدۇ، مەن ئىككى دۆلەتنىڭ پەن – تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش، سانائەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنگلىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹ئالتۇن دەۋرى››دە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

يورك كېنەزى، شاھزادە ئاندىروۋ جۇڭگو خەلق دىپلوماتىيە جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 2 – قېتىملىق پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى مەزمۇن قىلغان ‹‹لۇڭمېن يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى›› جۇڭگو رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش