首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

ئۈرۈمچى-كۈيتۈن نۆۋەتچى پويىزىدىن 21 جۈپ كۆپەيتىلدى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2018-05-31 17:55:29 :ۋاقىت

يولۇچىلار ئۆچرەتتە تۇرۇپ پويىزغا چىقماقتا.

تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىمىز فەن گوبىن خەۋىرى، فوتوسى. كورلا يولۇچىلار ئۇچاستىكىسى خوتەن 1-ئەترىتىنىڭ پويىز باشلىقى شى تىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 10:35 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا ساياھەتچىلەرنىڭ يۈك-تاقلىرىنى پويىزغا رەتلىك قويۇشىغا ياردەم قىلدى. يەنە ئالتە مىنۇتتىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە بارىدىغان T9526-قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز يېڭى يول يۈرۈش خەرىتىسى بويىچە قاتنايدۇ.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ 2018-يىللىق يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 2-قېتىملىق تەڭشەلگەن يول يۈرۈش خەرىتىسىنى يولغا قويدى. بۇ قېتىم تەڭشەلگەن يول خەرىتىسىدىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىدەك: غۇلجا-قورغاس K9761/2-قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىدىن بىر جۈپ، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن K9751/2،-K9753/4-قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىدىن ئىككى جۈپ كۆپەيتىلىدۇ. غۇلجا-قەشقەر T9516/7،-T9518/5-قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز، ئۈرۈمچى-خوتەن T9526/7،-T9528/5-قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى يولۇچىلار پويىزى مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ ئۇزارتىلغان يۈرۈش رايونىدا تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغىچە قاتنايدۇ.

كۈيتۈن ۋوگزالى يولۇچىلار ئۇچاستىكىسىنىڭ مۇدىر نۆۋەتچىسى جۇ شيۇيۈ دېدى: «بۇ قېتىم تەڭشەشتىن كېيىن كۆپەيتىلگەن K9751/2،-K9753/4-قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئارىسىدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، كۈيتۈندىن ئۆتىدىغان ياكى كۈيتۈنگە بارىدىغان پويىز 21 جۈپكە يەتتى، يولۇچىلار سەپەرگە چىققان ئالتۇن ۋاقىتتا ھەر سائەتتە بىر پويىز قوزغىلىش ۋە يېتىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەتىگەن ۋە كەچتە پويىزلار ئەڭ زىچ قاتنايدۇ، پويىزلارنىڭ ئارىلىقىدىكى قاتناش ۋاقتى قىسقا بولغاندا 15 مىنۇت، ئاممىنىڭ تاللىشى كۆپەيدى، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلار يارىتىپ بېرىلدى».

كۆپەيتىلگەن غۇلجا-قورغاس K9761/2-قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى غۇلجىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىگە ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

غۇلجا ۋوگزالىدىكى مۇدىر نۆۋەتچى لى شاشا: بۇ نۆۋەتچى پويىزنى كۆپەيتىش چېگرا ساياھىتىنى قاتناش قولايلىقى بىلەن تەمىنلىدى-، دېدى.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يولۇچى تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ ئىنژېنېرى گېڭ شىڭشەن: شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلغان 20 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەشكە ئەگىشىپ، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى تايانچ قىلغان، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنى غول قاتناش قىلغان تىرانسپورت تورى تېخىمۇ راۋانلاشتى، ئىككى تارماق لىنىيەنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلار يارىتىپ بېرىلدى-، دېدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش