首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىمىز

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-05-31 17:57:10 :ۋاقىت

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگان پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنى ئاچتى

مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورگان پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە تونۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق يەكۈنى ئاساسىدا، باش شۇجىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا دۇچ كەلگەن كەسكىن ۋەزىيەت توغرىسىدىكى زور ھۆكۈمى ئاساسىدا، باش شۇجىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ئاساسىدا، باش شۇجىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا، باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئېنىق تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنى ــــ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى ۋە يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقى بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەشكە يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشتە، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئورگاندىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. ‹‹سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى چۆرىدەپ مەسلىھەتلىشىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشنى، بولۇپمۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش؛ يېشىل تەرەققىيات ۋە يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەكىللەندۈرۈشتە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش؛ ‹‹ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، گۈزەل يېزا – كەنت  قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش