首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-06-01 17:15:32 :ۋاقىت

‹‹يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى (2018–يىلىدىن 2022–يىلىغىچە)›› ۋە ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر›› قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى يىغىن ئېچىپ، ‹‹يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى (2018 – يىلىدىن 2022 – يىلىغىچە)›› ۋە ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، يۈز مىليونلىغان دېھقاننىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە قارىتا چىقارغان زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى زور تارىخىي ۋەزىپە، يېڭى دەۋردە ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى باش تۇتقا.

يىغىن مۇنداق قارىدى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى (2018 – يىلىدىن 2022 – يىلىغىچە)دا خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ۋە سىياسەت، تەدبىرلەر ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، زور قۇرۇلۇش، زور پىلان، زور ھەرىكەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسەت رامكىسى شەكىللەندۈرۈلدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، شەھەر – يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە – مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقبالى بار كەسىپكە، دېھقانچىلىقنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كەسىپكە، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل يۇرت – ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇش تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جايلار، تارماقلار شەھەر بىلەن يېزىلارنى بىرلەشتۈرۈش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەش، كۆپ يىرىك پىلاننى بىرلەشتۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە دائىر يەرلىك يىرىك پىلان ۋە مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى ياكى لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە رىئايە قىلىدىغان بەلگىلىمە بولۇش، قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ، كەنت ئەھۋالى، ئەلرايىغا ئۇيغۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەم ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، بازار ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، ھەم دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىلمىي پىلانلاپ، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، بارلىق دېھقانلارنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.
   يىغىن مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت يۆلەشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى ھاسىل قىلدى. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش تارىخىدىكى شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش ئىشلىرى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى بېغىشلىشى كېرەك.

يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى چوقۇم غەلىبە قىلىدىغان ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نىڭ بىرى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. كېيىنكى ئۈچ يىلدا، يەنە يېزىلاردىكى 30 مىليوندەك نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىز جەزمەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قازىنىشتا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت ئارقىلىق كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقنى تۈگىتىشتىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە جەڭدە قەتئىي غەلىبە قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تۈپ تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە باش مەسئۇل بولۇش، شەھەر، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش خىزمەت ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ۋە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسەت بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ‹‹كەشتە تىكىش›› ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەپ قوزغاپ، نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇش ئاساسىنى تىرىشىپ پۇختىلاپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، نامراتلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك.

يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قوللاش، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلاش، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش، ئېغىر نامرات رايونلارغا سىياسەت جەھەتتە مايىللىشىش سالمىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە بولغان نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ھەرىكىتىنى تىرىشىپ يولغا قويۇپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى، مېيىپلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ،  نامراتلارنى يۆلەش، ئىرادە ئارقىلىق يۆلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش شەرەپ، دېگەن يېتەكچى ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئىززىتىنى ساقلاش، ئۆزىنى سۆيۈش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش، باھالاش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ باھالاش، تەكشۈرۈشنى ‹‹كۈتۈۋېلىش›› بىلەن ھالسىراپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى كېرەك. نامرات ناھىيەلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت باش ۋەزىپىدىكى رەھبەرلىرىنىڭ تۇراقلىقلىقىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ 1 – سېپىدىكى كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىلھام بېرىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىپ، خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، تۇتۇپ قېلىپ، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش، ساختا مەلۇمات يوللاپ، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە قەتئىي جازالاش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى جەھەتتىكى تىپىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش