首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇلغايتتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-06-01 17:34:41 :ۋاقىت

3 – نۆۋەتلىك يىپەك يولى يەرمەنكىسىدە شىنجاڭنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقى توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا

5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى بەش كۈن داۋاملاشقان 3 – نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يەرمەنكىسى ۋە جۇڭگو شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلار ھەمكارلىقى، مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يىپەك يولى يەرمەنكىسى دېيىلىدۇ) شىئەن شەھىرىدە ئاياغلاشتى.

75 دۆلەت ۋە رايون، مەملىكىتىمىزدىكى 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يەرمەنكىگە قاتناشتى، بەزىلەر ئەڭ يېڭى پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئېلىپ كەلدى، بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كەلدى، يەنە بەزىلەر ئىقتىساد ۋە سودا توغرىسىدا كېڭىشىشكە كەلدى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكىلەرگە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن بىللە، 20 ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى، ئىمزالىغان كېلىشىمنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 425 مىليون يۈەنگە يەتتى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بەش كۈنلۈك كۆرگەزمىدە يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش كەسىپلىرى ۋە يېشىل يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلىرىنى ئاساس قىلىپ، جاي – جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى، شۇنداقلا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدىكى يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى.

1 –، 2 – ۋە 3 – كەسىپنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلدى

1 –، 2 – ۋە 3 – كەسىپنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە 1 – كەسىپ بويىچە ئومۇمىي سوممىسى 80 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان ئىككى تۈرنى ئىمزالىغان؛ 2 – كەسىپ بويىچە ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 827 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان يەتتە تۈرنى ئىمزالىغان؛ 3 – كەسىپ بويىچە ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد 518 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان 11 تۈرنى ئىمزالىغان.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر جەلپ قىلىش، تەرەققىيات ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يې لىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل كېلىشىم ئىمزالىغان 3 – كەسىپنىڭ نىسبىتى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن 30.14 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى، تۈرلەر ئاساسەن سودا ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت ساياھىتى، پەن تەتقىقاتى، ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن، 1 –، 2 –  ۋە  3 – كەسىپ بويىچە تۈر ئىمزالاش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇقەررەر ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

يې لىن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى زىچ چۆرىدەپ، 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش ۋە 3 – كەسىپنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ نۇقتىسىنىمۇ تەڭشىدى. بىز ئىشنى تۈرلەرنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى يېتەكلەش رولىمىزنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كەسىپلەرنىڭ شىنجاڭغا يۆتكىلىشىگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىدا ساغلام، تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە يېشىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدۇق.

بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى چۈجياڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە كۆلىمى 298 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۆرگەزمە زالى قۇرۇپ، تاڭ شەن ‹‹شىننيۇ›› گىرافىت پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹جۈلى›› مۇھىت ئاسراش پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى يىپەك يولى نۇرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ‹‹شېنخۇا›› شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ ‹‹فۇفېڭ›› بىيو مەھسۇلاتلىرى پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ نەچچە ئون خىل خاسلىققا ئىگە مۇھىت ئاسراش، يۇقىرى پەن – تېخنىكا ۋە يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.

بولۇپمۇ، يېڭى تىپتىكى گىرافىتلىق توك پار نەق مەيداندىكىلەرنى جەلپ قىلدى، بۇ خىل پار ئۆينى ئون مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە بولغان ۋاقىتتا ئىسسىتالايدىغان بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ۋە بىخەتەر بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەن.

تاڭ شەن ‹‹شىنيۇۋ›› گىرافىت پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ مىڭشۈ مۇنداق دېدى: بىز بۇ خىل مەھسۇلاتتا ئەڭ يېڭى ماتېرىيال بولغان گىرافىتنى ئىشلەتتۇق، شۇڭا توك بىلەن ئىسسىتىش نىسبىتى %99كە يەتتى، بۇنىڭ بىلەن مۇھىت ئاسراپلا قالماستىن، ئىشلىتىش تەننەرخىنىمۇ ئازايتقىلى بولىدۇ، ھازىر ئون نەچچە تۈر بويىچە پاتېنتقا ئېرىشتۇق. 1 مىليارد 860 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭدا گىرافىت كەسىپ رايونى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.

شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئومۇميۈزلۈك ياخشى بولۇش ۋەزىيىتىمۇ شىنجاڭنىڭ خاس مەدەنىيەت ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە مەدەنىيەت ساياھىتى تۈرىدىن ئۈچى ئىمزالاندى، كېلىشىم سوممىسى 1 مىليارد 270 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %15.07ىنى ئىگىلىدى.

ئەلئارا سېلىنما كۆپىيىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئىزچىل مۇقىم بولۇشى شىنجاڭنىڭ خاس ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ كۆپلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنى خاتىرجەم قىلدى.

يې لىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەمۇرىي تەكشۈرۈش  –  تەستىقلاش ئىسلاھاتى، مالىيە – باج ۋە پۇل مۇئامىلىنى قوللاش قاتارلىق سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلەتكەنلىكتىن، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئۇدا كۆپىيىۋاتقانلىقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىدىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى.

شىنجاڭ ‹‹خەنياڭ›› ئېلېكتىرلىك قىزىتىش پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ جىڭشۈەن مۇنداق دېدى: بىز 1 – قاراردا 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان توك بىلەن ئىسسىتىش يوپۇقى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قورغاستا قۇرۇشنى پىلانلىدۇق، بۇ بازا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىلدا كۆلىمى 10 مىليون كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئىمارەتلەرنى توك بىلەن ئىسسىتىش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ شىركەت يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، قۇراشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان زامانىۋىلاشقان يىراق ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق توك بىلەن ئىسسىتىش تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىدۇر.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يەرمەنكىدە يەتتە تۈر بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى، ئىمزالىغان كېلىشىملەر ئومۇمىي سوممىسى 777 مىليون يۈەنگە يەتتى. سېلىنما قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ھەممىسى ئەلئارا سېلىنما تۈرلىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ‹‹خەنياڭ›› توك بىلەن ئىسسىتىش پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىمزالىغان توك بىلەن ئىسسىتىش يوپۇقى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇرۇش تۈرى بار.

قۇرۇلغىنىغا ئون يىل بولغان شىنجاڭ شەنشىلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولغان كارخانىلار 1000دىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار سودا، مېھمانساراي، يېمەك – ئىچمەك، خىمىيە سانائىتى، بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق 30نەچچە ساھەگە چېتىلىدۇ. بۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى شەنشىدىكى ھەرقايسى كارخانىلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى ماسلاشتۇردى.

بۇ ئۇيۇشمىنىڭ باشلىقى جاڭ زېڭكې مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىلەن شەنشى ئۆلكىسى غەربىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ۋە ئىككى ئاپتونوم رايوننىڭ تەۋەسىدە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ بىلەن شەنشىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا چوقۇم تارىخىي پۇرسەت يارىتىلىدۇ. بىز ئىلگىرىكىدەكلا شەنشى ئۆلكىسىدىكى كارخانىچىلارغا كۆۋرۈك بولۇپ، ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن پائال ھەم ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

يې لىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر خىل شەكىلدىكى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەلئارا مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىمىز.

ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلدى

شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۈستۈنلۈكلەردە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، سودىسى راۋان ۋە ئەلگە ياقىدىغان كەسىپ تۈرلىرىمۇ كىرگۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە يىپەك يولى يادرولۇق رايون ساھەسىنى چۆرىدىگەن سېلىنما تۈرلىرى بويىچە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 7 مىليارد 18 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىملەر ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %83.8ىنى ئىگىلىدى.

يې لىن مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنى ئاساس قىلغان زامانىۋى سودا ئەشيا ئوبوروتى تورى مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بۇ قېتىم سودا ئەشيا ئوبوروتى بويىچە جەمئىي ئالتە تۈر ئىمزالاندى، ئىمزالانغان كېلىشىملەر سوممىسى 3 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىملەر ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %42.73 ىنى ئىگىلىدى.

بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن كەسىپلەرمۇ تېز كۆپەيدى. سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدە ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 3 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، %29.69 ئاشتى؛ ماشىنا – ئېلېكتىر ۋە جابدۇق كەسپىدە ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 449 مىليون يۈەن بولۇپ، %63.21 ئاشتى؛ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپىدە ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 942 مىليون يۈەن بولۇپ، %10.12 ئاشتى؛ مەدەنىيەت ساياھىتى كەسپىدە ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 2 مىليارد 273 مىليون يۈەن بولۇپ، %.48 1 ئاشتى.

شىنجاڭ كۆرگەزمە زالىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنا ئادىمىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈۋاتقانلىقى نۇرغۇن كۆرگەزمە ئەھلىنى جەلپ قىلدى. بۇ ماشىنا ئادەم تېخى ئالدىنقى ئايدىلا ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا قۇرۇلغان ‹‹جۇڭشىن›› ئېغىر سانائەت ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى ئالاھىدە ماشىنا ئادەملەرنى ياساش بازىسىدا  ياسالغان، بۇ بازا ئۈچ يىلغىچە 1000 ماشىنا ئادەم ياسىيالايدىكەن.

بۇ بازىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جۈنباۋ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز غەربىي شىمال رايونىغا ئورۇنلىشىشتا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش سۇپىسى ۋە مەھسۇلات مۇلازىمىتى بازىلىرىنى قۇرۇپ، بازىلاردا كەسىپنىڭ كۆلەملىك ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

‹‹BYD›› پاي چەكلىك شىركىتى ياسىغان يېڭى تىپتىكى يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوموبىلىمۇ شىنجاڭ كۆرگەزمە زالىغا قويۇلدى، بۇ شىركەت بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن يېشىل قاتناش ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ياساش كەسىپ رايونى يۈرۈشلۈك تۈرىدە ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى دائىرىسىدە  يېشىل قاتناش ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ياساش كەسىپ رايونى تۈرىگە مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.

يې لىن مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن كېيىن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى، يادرولۇق رايوننىڭ سىياسەت، تەرەققىيات ۋە يوشۇرۇن كۈچ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشتەك يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىمىز.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش