首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

2018-يىللىق روزا ھېيت، تاڭزۇڭزا چاغىنىدا تۆت كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2018-06-08 12:42:24 :ۋاقىت

تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 174-نومۇرلۇق ھۆكۈمەت پەرمانىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، 6-ئاينىڭ 16-كۈنى (شەنبە) روزا ھېيت بولۇپ، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىكەن.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى (دۈشەنبە) تاڭزۇڭزا چاغىنى بولۇپ، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2018-يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گ ب ئوچۇق تېلېگراممىسى 〔2017〕12-نومۇرلۇق) دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 2018-يىللىق روزا ھېيت ۋە تاڭزۇڭزا چاغىنىدا ئۇلاپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، كونكرېت ۋاقتى: 6-ئاينىڭ 15-كۈنى (جۈمە) دىن 6-ئاينىڭ 18-كۈنى (دۈشەنبە) گىچە تۆت كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 6-ئاينىڭ 15-كۈنى خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتى ئالماشتۇرۇلىدۇ، 6-ئاينىڭ 16- كۈنى (شەنبە)، 6-ئاينىڭ 17-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال دەم ئېلىش كۈنى بولىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش