首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-06-08 12:44:43 :ۋاقىت

ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردە كادىرلارنى يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ياخشىلاش يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردە كادىرلارنى يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ياخشىلاش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان ‹‹كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹پىكىر›› دېيىلىدۇ) ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىققەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردە كادىرلارنى يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ياخشىلاش سەپەرۋەر قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردە كادىرلارنى يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، كادىرلار قوشۇنىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بۇنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىكى بۇرچ ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹پىكىر››نى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹<كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشىغا،نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ‹‹پىكىر››نىڭ جاكارلاش، يېتەكلەش، بىرتۇتاش پىلانلاش خاراكتېرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق پىلانلاش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ياخشى قىلىشنى كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، نەتىجە يارىتىشىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىنى بېغىشلاش، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ساداقەتمەنلىك بىلەن تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالغان، نەتىجە ياراتقانلارنى ھەقىقىي ئىشلىتىپ، كۈچلۈك توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قىلىدىغاننى قىلمىغان، سۆرەلمىلىك قىلغان كادىرلارنى قەتئىي تەڭشەپ، خاتالىققا يول قويۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش، غەمخورلۇق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. سىياسىي ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹كىرىش ئېغىزى››نى پۇختا ئىگىلەش؛ كۆلەمنى زورايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تاللاپ ئىشلىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ ئاساسىي قاتلامدا چېنىقتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆسۈپ – يېتىلىش يولىنى ياخشىلاش؛ تەربىيەلەش، باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. خىزمەت زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىكى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا ‹‹<كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى تۈزۈپ تارقىتىپ، بارلىق كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش جەھەتتە بىر قاتار تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلارنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش