首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا «ھەر بىر كىشىدە بىر كارتا بولۇش» ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2018-06-11 18:13:15 :ۋاقىت

 

ئۆز خەۋىرىمىز: 2018-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىدىكى نامرات نوپۇسقا كارتا تارقىتىلىش نىسبىتى %99.18كە، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىقتىدارىنىڭ قوزغىتىلىش نىسبىتى %100 كە يەتتى.

مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون كارتا تارقىتىش ۋە قوزغىتىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، شۇئان كارتا بېجىرىش كەسپى ۋە ۋاقىتلىق كارتا تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئېغىر نامرات نوپۇسقا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كارتا تارقىتىپ، ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىپ، «ھەر بىر كىشىدە بىر كارتا بولۇش» نى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ گوچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيەلەرنى پۈتۈنلەي قاپلىشى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شۇئان كارتا بېجىرىش كەسپى پۈتۈنلەي قاپلاندى. جۈملىدىن، بارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى شۇئان كارتا بېجىرىش تور نۇقتىلىرىدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى شۇئان تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇش كەسپى ۋە شۇئان تارقىتىش كەسپىنى بېجىرىشكە بولىدىغان بولدى. تور نۇقتىلىرى 2017-يىلىدىكى 321 ئورۇندىن ھازىرقى 390 ئورۇنغا كۆپەيدى.

ئۆز نۆۋىتىدە، ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي كاپالەت ۋاقىتلىق كارتىسىنى باشقا جايدا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋېلىش مېخانىزمى، باشقا جايدا يىغىپ تارقىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئېلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ قاترىشىنى ئازايتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش بوغالتىرى ۋاڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئوبيېكىتلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار قاتارلىق نامرات نوپۇسلارغا سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىپ، نامراتلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇش يۈكى ۋە داۋالىنىش چىقىمىنى يەڭگىللىتىپ، ئۇلارنىڭ تەمىنات كاپالىتى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بىز ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات نوپۇسنى ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىدىكى زۆرۈر سۇغۇرتىلانغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ، نامرات كىشىلەر ئىچىدىكى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغانلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن كىشىلەر سانىنى پۈتۈنلەي قاپلىشىنى ئەتراپلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات نوپۇسنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى ھەقىقىي تۈردە يەڭگىللىتىپ، كېسەل سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبلىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش