首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئانىلار تەبەسسۇمى ھەرىكىتى» 150 بالىغا تەبەسسۇم ئاتا قىلدى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2018-06-13 12:38:33 :ۋاقىت

شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ئانىلار تەبەسسۇمى ھەرىكىتى»نىڭ قەشقەردىكى چوڭ تىپتىكى جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى يېقىندا قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىدا ئاياغلاشتى، پائالىيەت مەزگىلىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىكى ئوپېراتسىيە قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كالپۇك-تاڭلاي يېرىقى بار 150 نامرات بالا ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، «ئانىلار تەبەسسۇمى ھەرىكىتى» نامرات ئائىلىلەردىكى كالپۇك-تاڭلاي يېرىقى بار، شۇنداقلا باش، يۈز قىسىمى غەيرىي يېتىلگەن بالىلارنى ھەقسىز قۇتقۇزىدىغان، داۋالايدىغان جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى بولۇپ، جەمئىي 90 پىدائىي بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش پىدائىيسىدىن 40 كىشى بار ئىكەن. 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە جياڭسۇ ئۆلكىسى، گۇاڭجۇ شەھىرى، خاڭجۇ شەھىرى، نىڭبو شەھىرى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داۋالاش پىدائىي مۇتەخەسسىسلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى كالپۇك-تاڭلاي يېرىقى بار 233 نامرات بالىنى ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرى ئىلغاپ تەكشۈردى، ئارقىدىن ئوپېراتسىيە قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 150 بالىنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدى.

«ئانىلار تەبەسسۇمى ھەرىكىتى» 2006-يىلى باشلانغاندىن بۇيان، 12 يىلدا 19 ئۆلكە، شەھەردىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە مېھىر-شەپقەت پىدائىيلىرى شىنجاڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توققۇز قېتىم كېلىپ، كالپۇك-تاڭلاي يېرىقى بار جەمئىي 1542 بالىنى ئىلغاپ تەكشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە 974 بالا ھەقسىز داۋالىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ھېس قىلدۇردى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش