首页 > خەۋەرلەر > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپ بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-06-26 12:16:33 :ۋاقىت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ فىلىپنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن زۇڭلى ئەپەندىنىڭ يېرىم يىل ئىچىدە ئارقا – ئارقىدىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. ھازىر دۇنيادا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا داۋاملىق ئۈلگە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن، ئىككى تەرەپ ھەمراھلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش مېخانىزملىرى ۋە سۇپىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاسىل قىلىنغان تۈرلۈك ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ۋە كېلىشىملىرىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور تۈرلەرنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېز يېتىلدۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو فىرانسىيەنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى فىرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىمىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئادىل – ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي قائىدىسىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو ياۋروپا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

فىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ماكرون يىل بېشىدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، فىرانسىيە – جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. جۇڭگونىڭ ھەم ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى بار، ھەم پۇختا قەدەم بىلەن قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. فىرانسىيە فىرانسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقرالار يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە – ئالەم قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھەمكارلىق تەسەۋۋۇرى، ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. فىرانسىيە خەلقئارا ئىشلاردا مۇستەقىل، ئۆز – ئۆزىگە ئىگە بولۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، كۆپ تەرەپلىمىلىك خىرىسقا دۇچ كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە، مۇقىم ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش ناھايىتى قىممەتلىك. فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش