首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-06-28 12:12:49 :ۋاقىت

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 27–كۈنى خەلق سارىيىدا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6–ئاينىڭ 27–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 27–كۈنى خەلق سارىيىدا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، دۆلەتلەر ئارا بىر–بىرىگە تايىنىش تېخىمۇ قويۇقلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو خەلقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشى كېرەك، ئەمما بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىمىز، كېڭەيمىچىلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىك يولىدا ماڭمايمىز، شۇنداقلا دۇنيادا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلمايمىز. جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىللىق تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلانسا، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كەڭ ساھەلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق نۇقتىسى ئىختىلاپتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىپايان تىنچ ئوكيان جۇڭگو–ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ۋە باشقا دۆلەتلەرنى سىغدۇرالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈش بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئىختىلاپلاردىنمۇ ئۆزىمىزنى قاچۇرمايمىز. جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە، بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز قەتئىي ھەم ئېنىق، ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئالقانچىلىك زېمىنىمىزنىمۇ قولدىن بەرمەيمىز، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنىمۇ قىلچە كېرەك قىلمايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىككى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلانماقتا. قەدىمدىن تارتىپ، ھەربىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس. ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئەندىشىنى تۈگىتىپ، خاتا چۈشەنچە، خاتا ھۆكۈم ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ئىككى ئارمىيەنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ–خەتەرنى تىزگىنلەپ، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچىسى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ماتىس شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئىككى دۆلەت، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئورنى، رولى ناھايىتى مۇھىم. ئامېرىكا ئامېرىكا–جۇڭگو باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپ، خەۋپ–خەتەرنى تىزگىنلەپ، توقۇنۇش، قارشىلىشىشتىن ساقلىنىپ، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىجادىي ئامىلغا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

ماتىس زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ ماتىسقا زۇڭتۇڭ ترامپقا سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىدى.

دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش