首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-07-03 01:20:49 :ۋاقىت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، كەڭ ياشلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەڭ ياشلارغا تايىنىپ، كەڭ ياشلارنى ئارزۇسى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئارزۇسىغا ئىنتىلىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىدىغان قىلىش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ كوللېكتىپ سۆھبەتكە قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىش، كەڭ ياشلارنى قولغا كەلتۈرۈش، كەڭ ياشلارغا تايىنىش پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئاخىرقى ھېسابتا ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. يېڭى دەۋردىكى ياشلار خىزمىتىدە پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئۇنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئاساسىي تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتلەرگە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، كەڭ ياشلارنى ئارزۇسى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئارزۇسىغا ئىنتىلىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىدىغان قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كوللېكتىپ سۆھبەتكە قاتناشتى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نەچچە كۈن ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيى يېپىلدى. قۇرۇلتايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قارالمىلار ئورۇندالدى. مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سايلانغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى پوزىتسىيەسى قەتئىي، ئىشەنچى مۇستەھكەم، كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ، ئىرادىسى كۈچلۈك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىلەردىن ناھايىتى زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. سىلەرنىڭ باشلامچىلىق بىلەن نەزەرىيە ئۆگىنىپ، ئېتىقادىڭلارنى چىڭىتىپ، سىياسىينى تەكىتلەپ، قاتتىق تەلەپچان بولۇشۇڭلارنى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىلىڭلارنى ئۆزگەرتىپ، قائىدىگە ئەمەل قىلىشىڭلارنى، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممەڭلەرگە ئېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىيۋىلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، ياشلارنى تەشكىللەپ يېتەكلەش، ياشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ روھىي قىياپىتىدە يېڭى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ياشلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ياشلار تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۇنجى يىرىك پىلاننى يولغا قويۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياشلار خىزمىتىدە تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياشلار خىزمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى، جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر تېمىسىنى، ياشلار خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى، ياش ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى توغرا يولنى، ياشلار خىزمىتىنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلىنى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىدىكى نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى چوقۇم كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ ياشلارنى كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ئۈچۈن ئاڭلىق كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ياشلار ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئەڭ كۆپ ساندىكى ياشلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك؛ مەركەزنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، كەڭ ياشلارنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. كەڭ ياشلار غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىشى، قىيىن ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىشى، ئالىيجاناب پەزىلەت يېتىلدۈرۈشى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش داۋامىدا ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇپ، ھەق – ناھەقنى، راست – يالغاننى ئېنىق ئايرىشى، ۋەتەننى سۆيۈشى، ئىرادىلىك بولۇشى، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشى، بېرىلىپ ئىشلىشى، خەلق بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى، خەلق بىلەن بىللە ئىلگىرىلىشى، خەلق بىلەن ئورتاق ئارزۇدا بولۇشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش غايىسى ۋە ئىنتىلىشىنى ئۆمۈر بويى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى، بۇنىڭدا پارتىيەمىزنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى نامايان قىلىنغان. ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ بارلىق خىزمىتىنى ياخشى ياردەمچى ۋە زاپاس قوشۇن بولۇشتىن ئىبارەت بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئاچقۇچ ئۈچ نېگىزلىك مەسىلىنى چىڭ تۇتۇشتا، يەنى سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ياشلار ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىش، مەركەزنى زىچ چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتىن ئىبارەت. ياشلارنى سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، پارتىيە بايرىقى قەيەرنى كۆرسەتكەن بولسا، ئىتتىپاق بايرىقىنىمۇ شۇنىڭغا توغرىلاش كېرەك. كەڭ ياشلار ئارىسىدا نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، كەڭ ياشلارنى ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل بىلەن مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەپ، شۇ ئارقىلىق توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە قەتئىي تەۋرەنمەي، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، قەتئىي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتەك كىشىلىك تۇرمۇش ئىنتىلىشىنى چىڭىتىش كېرەك. ياشلارنى يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشقا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، كەڭ ياشلارنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۈيۈك ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋرنىڭ يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ چىقىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. ياشلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىتتىپاق خىزمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياشلارنى غەم – ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، كەڭ ياشلار ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان، ئايرىلالمايدىغان سىرداش بولۇپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ‹‹ياشلارنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2016 – يىلىدىن 2025 – يىلىغىچە)››نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىمۇ يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەنىڭ ياشلار ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان كۆۋرۈك ھەم ۋاسىتە، ئىسلاھاتنى مۇشۇ مەسئۇلىيەت ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاپ، ئەمەلىي تەدبىر، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، مەسىلىلەرنى يوشۇرماي، كېسەلنى يوشۇرماي، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، جاراھەتنى داۋالاپ، ئىدىيەدە، خىزمەتتە، تۈزۈمدە بۇ مەسىلىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇشتەك ئېنىق يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىتتىپاق تەشكىلاتىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە قاتتىق بولۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بايراق روشەن ھالدا ھەرخىل ناچار ئىستىل، ناتوغرا كەيپىياتنى توسۇپ، پاك ئىستىل، توغرا كەيپىيات ۋە ياخشى ئوبرازنى ساقلاش كېرەك. ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سىياسىيدا، ئىدىيەدە، ئىقتىداردا، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا، ئىستىلدا، ئىنتىزامچانلىقتا كۈچلۈك بولۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر يۈكلەرنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، شارائىتى جاپالىق، مۇھىتى مۇرەككەپ خىزمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ چېنىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، باسقان ھەر بىر قەدەمدىن ئىز قالدۇرۇش كېرەك. ئىتتىپاق ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىتتىپاق ئەزالىرىغا قويۇلىدىغان ئۆلچەم ۋە تەلەپنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىغا كىرىش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئەمەلىيەت تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، كەڭ ياشلارنى بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشلار خىزمىتىدە ھازىر چىڭ تۇتۇلىدۇ، يىلتىزغا ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىلىدۇ، ئۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارلىقلاردىن بولۇپ چىقىشى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار زور زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ياشلار خىزمىتىنى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك.

يىغىندا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 – شۇجىسى خې جۈنكې كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيى ۋە 18 – نۆۋەتلىك 1 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرىدىن ۋاڭ خۇڭيەن، شۈ شياۋ، فۇ جېنباڭ، يى دۇڭمېي، چى باتۇ، لى كېيۇڭ ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ، چېن شى، گو شېڭكۈن، يوۋ چۈەن سۆھبەتكە قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش