首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

ياخشى ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياخشى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-07-04 12:38:20 :ۋاقىت

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

ياخشى ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياخشى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، بولۇپمۇ چىڭداۋ شەھىرى بۇنىڭغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشتى، مۇلازىمەت كاپالەت خىزمىتى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، كۆڭۈل قويۇپ تەپسىلىي ئىشلىنىپ، دۇنياۋى سەۋىيە نامايان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ سالاپىتى، شەندۇڭنىڭ ئۇسلۇبى، چىڭداۋنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بارلىق كادىرلار، ئاممىدىن ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش چىڭداۋ ۋە شەندۇڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، ‹‹بىر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، بىر شەھەرنى جانلاندۇرۇش››تەك پايدىلىق تەجرىبىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ياخشى ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياخشى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئېففېكتىنى زورايتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18 – قېتىملىق يىغىنى 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە شەندۇڭنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا كۆپەيتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنى، 12 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى ياكى ھۆكۈمەت باشلىقى، ئون خەلقئارا تەشكىلات ياكى ئاپپاراتنىڭ مەسئۇللىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، تىزىمغا ئېلىنغان چەت ئەللىك مېھمان 2000دىن، زىيارەت قىلىشقا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىر 3000دىن ئاشتى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 23 پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇپ ۋە ئىمزا قويۇلۇشقا شاھىت بولۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھاسىل قىلدى، بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، نەتىجىسى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى بولدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش