首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەت ئەل سودىگەرلىرى سېلىنمىسى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-07-10 12:28:15 :ۋاقىت

7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، سانجى ‹‹يىدا›› توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئۈسكۈنىلەرنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، پاختا يىپ خۇددى پىلە قۇرتى مەشۇت چىقارغاندەك توختىماي ئۇرچۇققا ئورىلىۋاتاتتى.

شىنجاڭ ‹‹يىدا›› توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى گۇاڭخەي مۇنداق دېدى: ‹‹كارخانىمىز شىنجاڭغا كىرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، 680 مىليون يۈەن تۈرلۈك باج تاپشۇرۇپ، 1500 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بىز يەرلىك بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش جەريانىدا بىللە تەرەققىي قىلدۇق››.

‹‹يىدا›› توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، قۇرۇلمىسى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك، كۆپ يوللۇق پايدىلىنىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندى.

ئېچىۋېتىلگەن ئىشىك جەلپ قىلىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈردى

1980 – يىلى جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى تۇنجى كارخانا ــــ شىنجاڭ تەڭرىتاغ يۇڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ چەت ئەل مەبلىغى كىرگۈزۈش دەرۋازىسى ئېچىلدى، چەت ئەل مەبلىغى بىر مەھەل بەس – بەستە كىرىپ، يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.

چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تېز كۆپەيدى. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار تېز كۆپىيىپ، 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ دەسلىپىدىكى بىردىن 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 791گە يەتتى.

چەت ئەل كارخانىلىرى كۈنسايىن كۆپ مەنبەلەشتى. 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى سېلىنما سۇبيېكتى 54 دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى.سېلىنما ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

چەت ئەل سودىگەرلىرى سالغان مەبلەغ 1 – ، 2 – ۋە 3 – كەسىپلەرنى كەڭ قاپلاپ، كارخانا ئايرىم – ئايرىم ھالدا 70، 230، 491گە يەتتى.سېلىنما ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. چەت ئەل سودىگەرلىرى سالغان مەبلەغ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىدى.

پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلىغىنى كىرگۈزۈشى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش كۆلىمى كېڭەيدى، سۈرئىتى تېزلەشتى. چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ئۇنىۋېرسال سۈپىتى ئۈنۈملۈك ئاشتى. 2012 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە، شىنجاڭدا يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسى 435كە، توختاملاشقان چەت ئەل مەبلىغى 4 مىليارد 288 مىليون دوللارغا، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 2 مىليارد 363 مىليون دوللارغا يەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېچىۋېتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رۇڭ جۈن شىنجاڭنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈش ئىستىقبالى توغرىسىدا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشتا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى مۇقەررەر يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلار شىنجاڭدا ساغلام تەرەققىي قىلدى

چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ۋە جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن بولدى.

‹‹باسف›› چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يەرشارى ئالىي دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرى جېڭ داچىڭ ئېيتقاندەك: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. شىنجاڭدا نېفىت، گاز، قېزىلما، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق بايلىقلار مول بولۇپ، ئەۋزەل بايلىق شارائىتىغا ئىگە. شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ‹‹باسف›› چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى بۇ ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى. بىزنىڭ شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىشقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچىمىز بار.

2013 – يىلى 5 – ئايدا، ‹‹باسف›› چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ ‹‹ماركور›› خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، كورلا شەھىرىدە بۇتاندىئول ۋە پولى ئوكسى تېترامېتىلېن ئىشلەپچىقىرىدىغان شېرىك شىركەت قۇردى. شېرىك شىركەت 2016 – يىلى 7 – ئايدا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

2017 – يىلى 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەننىڭ ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۈچ جەھەتتىكى 21 كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى پائال قوبۇل قىلىپ، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش؛ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، ئەلا سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش؛ سىياسەت مەدىتىنى كۈچەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايون يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەرنى تۈزدى ۋە يولغا قويدى، مەسىلەن، تىرانسپورت تولۇقلىمىسى، قوشۇلما قىممەت بېجى تولۇقلىمىسى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك پاختىسىنى ئىشلىتىش تولۇقلىمىسى، كارخانا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە توك باھاسى تولۇقلىمىسى ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىنجاڭدا توك باھاسى تولۇقلىمىسى بېرىلگەندىن كېيىن، ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.35 يۈەنگە چۈشۈپ، توقۇمىچىلىق ساھەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

لى گۇاڭخەي: شىنجاڭنىڭ زور بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، دېدى. باش ئىشتابى شياڭگاڭدا تەسىس قىلىنغان ‹‹يىدا›› گۇرۇھى 1995 – يىلى تۇرپان ۋىلايىتىدە تۇنجى يىپ ئېگىرىش زاۋۇتى قۇرغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە شىنجاڭدا يەتتە شۆبە شىركەت قۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈش، تېرىش، چىگىت ئايرىشتىن تارتىپ ئىنچىكە، ئالاھىدە ئىنچىكە پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان تەمىنلەش زەنجىرى بىر گەۋدىلەشكەن تۇنجى كارخانىغا ئايلاندى، ساپ پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى شىنجاڭغا كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى 50 مىڭ ئۇرچۇقتىن 220 مىڭ ئۇرچۇققا يەتتى.

چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات قاتارلىق جەھەتلەردە تېز ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

تولۇق سوممىلىق چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسى شىنجاڭ ‹‹كەررىفور›› تاللا بازىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2004 – يىلى 2 – ئايدا شىنجاڭدا تۇنجى دۇكىنىنى ئاچتى، ھازىر ئۇلارنىڭ دۇكىنى ئۈچكە يېتىپ، سېتىۋاتقان مەھسۇلاتى نەچچە ئون مىڭ خىلغا، تاپشۇرغان باج سوممىسى 218 مىليون يۈەنگە يەتتى. 2008 – يىلىدىن باشلاپ، ‹‹كەررىفور›› تاللا بازىرى دېھقانلار بىلەن تاللا بازىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش كەسپىنى قانات يايدۇردى. بۇ شىركەتنىڭ ئاممىۋى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چېن لىۋېن مۇنداق دېدى: بىز ھەر يىلى دېھقانلاردىن قوغۇن، ئۈزۈم، ئالما، ياڭاق، بادام، ئۆرۈك قېقى، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىمىز، سېتىۋېلىش مىقدارىمىز 4000 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ‹‹كەررىفور›› تاللا بازارلىرىغا ساتىمىز، بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ دېھقان پايدىغا ئېرىشىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

سانجى ‹‹يىدا›› توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2015 – يىلى 160 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ھازىر مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان 30 مىڭ ئۇرچۇقلۇق پۈتۈن جەريانى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان زىچ توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇرۇپ، 2017 – يىلى 7 – ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى. بۇ تۈر دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار توقۇمىچىلىق ماشىنىسى زاۋۇتىنىڭ تولۇق يۈرۈشلۈك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، مۇكەممەل ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى ئوينىدى.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ نىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئىلغار تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش