首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى-سانجى يولى تۇدۇڭخابا چوڭ كۆۋرۈكى «جۇڭگو پولات قۇرۇلما ئالتۇن ‏مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2018-07-12 01:03:18 :ۋاقىت

شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرى لۇ جىڭرەن خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ بېيشىن يول-كۆۋرۈك گۇرۇھى شىنجاڭ تاشيول قۇرۇلۇشى ئىشلىرى بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا جۇڭگو بىناكارلىق مېتال قۇرۇلما جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 13-نۆۋەتلىك «جۇڭگو پولات قۇرۇلما ئالتۇن مۇكاپاتى» قۇرۇلۇشىنى باھالاشتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان، بېيشىن يول-كۆۋرۈك گۇرۇھى شىنجاڭ تاشيول قۇرۇلۇشى ئىشلىرى بۆلۈمى ھۆددىگە ئالغان ئۈرۈمچى-سانجى يولى تۇدۇڭخابا چوڭ كۆۋرۈكى تۈرى «جۇڭگو پولات قۇرۇلما ئالتۇن مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

ئىگىلىنىشىچە، «جۇڭگو پولات قۇرۇلما ئالتۇن مۇكاپاتى» مەملىكەت بويىچە پولات قۇرۇلما قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي سۈپەت مۇكاپاتى ئىكەن. باھالاش ئوبيېكتلىرى مەملىكىتىمىزدىكى بىناكارلىق پولات قۇرۇلما ياسىمىچىلىقى، قۇراشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ھۆددىگە ئالغان تۈرلۈك بىناكارلىق پولات قۇرۇلما قۇرۇلۇشلىرى بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قۇرۇلۇشلارنىڭ سۈپىتى مەملىكىتىمىزدىكى ئىلغار سەۋىيەلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ.

بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۈرۈمچى-سانجى يولى تۇدۇڭخابا چوڭ كۆۋرۈكى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى قوش قەۋەتلىك پولات لىملىق، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن سانجى شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بولۇپ، 2016-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش