首页 > خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن سۆھبەتلەشتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-07-24 01:07:43 :ۋاقىت

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ رىۋاندا دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى كىگالىدا رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ كاگامېنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كىگالى، 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن جى، ۋېي جيەنخۇا، جېڭ كەيجۈن). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى كىگالىدا رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن رىۋاندا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو – رىۋاندا دوستلۇقى، ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق پىلانلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ مول نەتىجە بېرىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن رىۋاندا خەلقلىرى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا خەلقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلتۇر 3 – ئايدا، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە دوستانە ھەمكارلىقى توغرىسىدا كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو – رىۋاندا مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىيات يولىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو رىۋاندا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو – رىۋاندا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە داۋاملىق يارىتىشنى خالايدۇ.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى كىگالىدا رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن سۆھبەتلەشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رىۋاندا ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە نەزەر سېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قەتئىي قوللاپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ – چوڭ مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئېچىشى كېرەك. جۇڭگو رىۋاندانىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ رىۋانداغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، رىۋاندانىڭ سانائەتلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقىغا پۇختا ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى سېلىشىمىز كېرەك. قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى  ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى مۇھىم تېمىلاردا ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.
   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا باشتىن – ئاخىر سەمىمىي، دوستانە ئۆتتى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشتى، بىز خۇشاللىق ۋە قايغۇدا بىللە بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى. ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگونىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئۇزاق مەزگىللىك، تەۋرەنمەس ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. ئافرىقا ھازىر چاپچىۋاتقان شىرغا ئوخشايدۇ. بىز كۈچلۈك، كۈنسايىن بىر گەۋدىلىشىۋاتقان ئافرىقىنى كۆرۈشنى خالايمىز. ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشقا يېتەكلەيدىغان بىر بايراق. جۇڭگو ئەزەلدىن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدا يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ كەلدى، بىز ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكى، ئۈلگىلىكلىكى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو – ئافرىقا خەلقلىرىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايمىز.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى كىگالىدا رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن سۆھبەتلەشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

كاگامې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رىۋانداغا زىيارەتتە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ ئىشەنچلىك، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان دوستى، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش رىۋاندا ۋە ئافرىقا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. رىۋاندا جۇڭگونىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە بەرگەن قىممەتلىك ياردىمىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، بۇ ياردەملەر رىۋاندانىڭ قايتا قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا پائال تۆھپە قوشتى. رىۋاندا جۇڭگو بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى رىۋاندا ئۈچۈنمۇ، ئافرىقا ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم پۇرسەت، رىۋاندا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ.

كاگامې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى تەكىتلەشنى خالايمەنكى، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئافرىقىنى قەتئىي قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك. ئافرىقا جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئىنتىزارمەن، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالايمەن.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى كىگالىدا رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ بىلەن كاگامې يىغىن مەيدانىغا قاراپ ماڭدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى، كاگامې زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئالدى مەيدانىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە كېتىۋاتقاندا، يەرلىكتىكى قىزغىن، دوستانە ئامما كوچىلارغا چىقىپ، جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ دۆلەت بايرىقى بېسىلغان كىيىملەرنى كىيىپ، يۇقىرى ئاۋازدا تەنتەنە قىلىپ، قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، ئەڭ ئېزىز مېھماننى قارشى ئالدى.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى كىگالىدا رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن كاگامى ۋە رەپىقىسى جانېت خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلگەندە، كاگامې ۋە رەپىقىسى جانېت ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆرەك مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ كاگامېنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن رىۋاندانىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. كاگامې رەپىقىسى بىلەن بىللە جۇڭگودىن ھەمراھ بولۇپ كەلگەنلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. مىللىيچە كىيىنگەن يەرلىك ئامما شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىگە بولغان ھاياجان ۋە خۇشاللىقلىرىنى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە رىۋاندا ئۇسسۇلى ۋە دۇمباق ماھارىتى ئارقىلىق ئىپادىلىدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن يەنە كىگالى چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلار خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش