گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى ھەرىكەت ھالىتىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى

2020-11-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


سۈرەتتە: بىر ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ ئۆلچەش پويىزى تىتىما كۆلى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە (11-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن جيەنفېي خەۋىرى، فوتوسى

11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىدا 2014-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، گولمۇد بىلەن كورلىنى تۇتاشتۇرىدىغان، يولۇچى بىلەن يۈك تەڭ توشۇلىدىغان ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريول، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1214 كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 708 كىلومېتىر.

گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى رەسمىي قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈريولى، لىنخې -قومۇل تۆمۈريولىدىن كېيىنكى شىنجاڭدىن چىقىدىغان يەنە بىر تۆمۈريول لىنىيەسى شەكىللىنىدۇ.