سىزگە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللىرىنى ھېس قىلدۇراي

2021-04-27 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىلۇ فېڭباۋ:بىپايان تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىغا ئېگىز تاغ، چۆللۈك، قۇملۇق، كۆل، دەريا-ئېقىنلار تارقالغان بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار گىرەلىشىپ، تەرەپ-تەرەپكە تۇتىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى زىچ تۇتاشتۇرىدۇ. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭئومۇمىي مۇساپىسى 5500 كىلومېتىردىن ئېشىپ، G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان، نۇرغۇن تۇتاشما لىنىيە ئالدىغا قاراپ سوزۇلغان دەرەخسىمان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولئاساسىي رامكىسىشەكىللىنىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىگەيۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلدى.

  مۇخبىر G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، سايرام-كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، كۈيتۈن-ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، قاراماي-تارباغاتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى تاللاپ، كۆپچىلىككەيېقىنقى يىللاردىن بۇيانشىنجاڭ قاتنىشىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/523/015/00352301561_e2e4fb66.jpg

  G30شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغانبۆلەك. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى تۈرى قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن.

  G30ليەنيۈنگاڭدىن قورغاسقىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول

  ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئالدىنقىئورۇنغا قويۇشتىكى سەۋەب، ئۇ جۇڭگودىكى ھازىرقى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسىي لىنىيەسى، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىشتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئوتتۇرا يولىدۇر. ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شىنجاڭ تەۋەسىدە شىڭشىڭشيادىن باشلىنىپ، قورغاستا ئاخىرلىشىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 1400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى ئۈرۈمچىدىن كۈيتۈنگىچە، شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە قاتارلىق نۇرغۇنيۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئارقا-ئارقىدىن ئۆزگەرتىلىپ، كېڭەيتىلىپ قۇرۇلدى، بۇلتۇر، ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى تۆت ئاپتوموبىل يولىسەككىز ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىلدى، ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ھەسسىلەپ ئاشتى.

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/523/015/00352301562_ccf59e60.jpg

  ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى شاڭشاخې ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تەمىنلىگەن.

  ئۈرۈمچىدىن كۈيتۈنگىچە بولغانيۇقىرى سۈرئەتلىك يول

  ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شىنجاڭنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 265.5 كىلومېتىر كېلىدۇ، 1997-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2000-يىلى 11-ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلانغان. ئۇ يەنە G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلانغانلىقى، G30نىڭ شىنجاڭ تەۋەسى ئىچىدە بۆلەكلەرگە ئايرىلىپ قۇرۇلۇشباشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/523/015/00352301563_ec78ae4d.jpg

  سايرام-كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى. شىنجياۋكې مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن.

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/523/015/00352301564_0fb44cc8.jpg

  سايرام-كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى كەڭساي چوڭ كۆۋرۈكى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تەمىنلىگەن.

  سايرام كۆلىدىن كەڭسايغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول

  سايرام-كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 56.2 كىلومېتىر بولۇپ، بەش يىل قۇرۇلۇش قىلىنىش ئارقىلىق، 2011-يىلى ئاساسىي لىنىيەدە قاتناش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. سايرام-كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بولسا بىر مەنزىرە رايونىدۇر، بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، يول بويى چوڭ كۆل، قارلىق تاغ، گۈل جىلغىسى، شارقىراتما قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ رەڭدار يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسىدىن كىشىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 700 مېتىر كېلىدىغان كەڭساي پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى «شىنجاڭ تاشيولىدىكى بىرىنچى كۆۋرۈك» دەپ ئاتالغان، كۆۋرۈك يۈزىدىن كەڭساي جىلغىسىنىڭ جىلغاتېگىگىچە بولغانئارىلىق200 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ يەنە شىنجاڭدىكى ئەڭ ئېگىز تاشيول چوڭ كۆۋرۈكى بولۇپ، سايرام-كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكىبەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، شۇنداقلا ۋاڭخۇڭ داكا جايغا ئايلانغان.

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/523/015/00352301565_49fe4a6e.jpg

 تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئاقسۇدىن قەشقەرغىچە بولغانبۆلەك. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تەمىنلىگەن.

  تۇرپاندىن خوتەنگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول

  تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى تۇرپاندا بولۇپ، كورلا، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ ئاخىرقى نۇقتا خوتەنگە يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1900 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىردىنبىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھېسابلىنىدۇ. 2015-يىلىدىن باشلاپ، تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بۆلەكمۇبۆلەك پۈتۈپ قاتناش باشلىغان، 2019-يىلىغىچە G3012 قەشقەر(يېڭىشەھەر)دىن قاغىلىققىچە، قاراقاشقىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇش تاماملانغان.

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/523/015/00352301568_a2147cc7.jpg

 كۈيتۈن-ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ بىر قىسمى بولغان بۇرۇلتوقايدىن ئالتايغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول.ليۇ جۈنفوتوسى 

  كۈيتۈندىن ئالتايغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول

  كۈيتۈن-ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى كۈيتۈندە بولۇپ، شىمالغا قاراپقاراماي، بۇرۇلتوقاي، بېيتۈندىن ئۆتۈپ، ئاخىرقى نۇقتائالتاي شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 527 كىلومېتىر كېلىدۇ، 2011-يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2014-يىلى پۈتۈن لىنىيە پۈتۈپ، كۈيتۈن-بېيتۈن تۆمۈريولىدىن كېيىن، ئالتايدىكى تاشقى دۇنيا بىلەن تۇتىشىدىغان يەنە بىر قاتناش چوڭ تومۇرىغا ئايلانغان، ئۇ، نۆۋەتتىكى ئالتايدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە تۇتىشىدىغان ئەڭ قولايلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھېسابلىنىدۇ.

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/523/015/00352301569_f9f1555a.jpg

  قاراماي-تارباغاتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن.

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/523/015/00352301570_8457eae8.jpg

قاراماي-تارباغاتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئۇزۇن يانتۇلۇق يول بۆلىكىدىكى رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگە سىزىقى.ليۇ جۈنفوتوسى

  قارامايدىن تارباغاتايغىچە بولغانيۇقىرى سۈرئەتلىك يول

  قاراماي-تارباغاتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئاساسىي لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 218.23 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ، قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونىنىڭ يەتتە كىلومېتىر شىمالىدىكى سەنپىڭ سۇ ئامبىرىدىن باشلىنىپ، قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولۋە كۈيتۈن-قاراماي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن ئۆزئارا تۇتىشىدۇ، تارباغاتاي باقتۇ پورتى ئۇنىڭئاخىرقى نۇقتىسىھېسابلىنىدۇ، 2011-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2014-يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلانغان، بۇنىڭ بىلەن تارباغاتاي ئويمانلىقىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن.

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/523/015/00352301571_3159bd18.jpg

  بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى كېسىشىدىغان لوتوچۈەنزى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى. مۇخبىرسەي زېڭلېفوتوسى

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/523/015/00352301572_cbe2d8e2.jpg

 G7بېيجىڭ-شىنجاڭ (ئۈرۈمچى) يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قوشقۇدۇق ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى. مۇخبىرسەي زېڭلېفوتوسى

  G7 بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغانيۇقىرى سۈرئەتلىك يول

  بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغانيۇقىرى سۈرئەتلىك يولقىسقارتىلىپ بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دېيىلىدۇ. 2017-يىلى 7-ئايدا، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، ئۈرۈمچى بىلەن پايتەخت بېيجىڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى تۇنجى قېتىم تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شىنجاڭدىن بېيجىڭغىچە بولغان ئارىلىق 1300 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسقىراپ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيەسىگە ئايلاندى.

  شىنجاڭ تەۋەسىدە، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ بىر بۆلىكىدىن پايدىلىنىپ ئاندىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ، ھازىر، بېيجىڭ-شىنجاڭيۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىدىكى ۋۇتۇڭ داچۈەندىن مورىغىچە بولغانبۆلىكىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل قاتناش باشلاش پىلانلانماقتا، شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىن ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىن ماڭمايمۇبېيجىڭغا بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ.