10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك شامال ئېلېكتىر كەسپى توپىنى بەرپا قىلىش

2022-04-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى (4 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). داۋانچىڭ رايونىنىڭ شامال ئېنېرگىيە بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، گېنېراتور ئورنىتىشقا بولىدىغان كۆلىمى 1500 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ رايون تىرىشىپ 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك شامال ئېلېكتىر كەسپى توپىنى بەرپا قىلماقتا، ھازىر 22 شامال ئېلېكتىر كارخانىسى كىرىپ ئورۇنلاشتى، 32 شامال ئېلېكتىر تۈرى پۈتتى. □يەن پېڭ فوتوسى