ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) غا جايلاشقان شياۋلۈگۇ سۇ مەنزىرىسى باغچىسى تەبىئىي تاغ جىلغىسى يەر شەكلىنى غول، رايون خاراكتېرلىك ئۆسۈملۈك تۈركۈمى مەنزىرە كۆكەرتىشىنى ئاساس، ۋادىنىڭ رەڭگارەڭ سۇ سىستېمىسى مەنزىرىسىنى ئالاھىدىلىك قىلغان، ساياھەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، ئېكولوگىيەلىك يېشىللىق ۋە سودا ئىستىراھەت ئىقتىدارى بىر گەۋدە قىلىنغان ئېكولوگىيەلىك سۇ مەنزىرىسى باغچىسى. ئىلگىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات قانىلىدىكى «گۈزەل جۇڭگو . مېنىڭ ئۆيۈم» سەھىپىسىگە چىققان، «مەستانىسى» ساناقسىز.
يازدا شياۋلۈگۇ سۇ مەنزىرىسى باغچىسىدا دەل-دەرەخلەر سايە تاشلاپ، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ. ۋېيتەي چوڭ كۆۋرۈكى، جىنفېڭ چوڭ كۆۋرۈكى شياۋلۈگۇ ئاسمىنىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ھازىرقى زامان شەھەر قۇرۇلۇشلىرى باغچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قەد كۆتۈرۈپ، باغچىدىكى ھەر خىل يېشىل دەرەخلەر يۈخېڭ كۆلى، كەيياڭ كۆلى، فېڭيۈ كۆلى، ياۋگۇاڭ كۆلى، فېڭۋېي كۆلى قاتارلىق كۆل سۈيىدە ئەكس ئېتىپ، «ئاسمان ئەينىكى»گە ئوخشاش گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.