شىنجاڭ سايرام كۆلى: بىر تەرىپى قارلىق تاغ، بىر تەرىپى گۈل دېڭىزى

2020-08-01 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى


سايرام كۆلى، تىيانشان تېغىنىڭ ئومۇرتقىسىغا نەقىشلەنگەن مەرۋايىت بولۇپ، تۆت پەسىلدىكى رەڭگى ئوخشىمايدۇ، ھەر بەش چاقىرىمدىكى مەنزىرىسىمۇ ئۆزگىچە گۈزەل. 

سايرام كۆلى شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2073 مېتىر، سۇنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى 10 مېتىردىن ئاشىدۇ، شۇڭا «تاغ ئومۇرتقىسىدىكى كۆل» دەپ ئاتالغان.

سايرام كۆلىنىڭ بىر تەرىپىدە قارلىق تاغ، يەنە بىر تەرىپىدە گۈل دېڭىزى بار. ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، رەڭگارەڭ تاغ گۈللىرى سايرام كۆلىنى ئوراپ ئېچىلىپ، ھەرخىل رەڭدىكى تاغ گۈللىرى بىلەن قارلىق تاغ زۇمرەتتەك كۆل يۈزىدە جىلۋىلىنىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

تاغ ئارىسىدىكى تۇمان ۋە ياۋا گۈللەر (فوتوگراف: بوجوۋ)

زۇمرەتتەك كۆل سۈيى (فوتوگراف: چېن جىنلوڭ)

يېشىل پاياندازدەك يايلاق (فوتوگراف: گولىشيا)

سايرام كۆلىنىڭ گۈزەل كۆل مەنزىرىسى (فوتوگراف: جېڭ يوڭ)

چىڭرىنداۋ ئارىلىغا چۈشكەن شەپەق (فوتوگراف: جاڭ يەنشېڭ)

تاغ گۈللىرى بىلەن پۈركەنگەن كۆل ياقىسى (فوتوگراف: بوجوۋ)

شەپەق ۋە پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل (فوتوگراف: ۋاڭ ۋېيچۈەن)