شىنجاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك باغچىلار

2020-08-15 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى



پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى.

(جۇ مىڭجۈن فوتوسى)

   پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى

   پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 36 كىلومېتىر كېلىدىغان ياسىدۆڭ ئورمانچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان، ئۈچ تەرىپى سۇ بىلەن قورشالغان بولۇپ، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل. باغچە ئىچىدىكى تەبىئىي توغراقلىقنىڭ كۆلىمى 20 مىڭ مو ئەتراپىدا، بىپايان تەبىئىي توغراقلىق بىلەن كەڭ كەتكەن يەكەن دەرياسى ۋە دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى تەكشى، قاقاس چۆللۈك ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرە ھاسىل قىلغان. باغچىدا يەنە توغراق پادىشاھى، جىگدە كارىدورى، كۆل مەركىزى ئارىلى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.



لوپنۇر دۆلەت قۇملۇق باغچىسىدىكى توغراق، قۇملۇق، كۆل سۈيى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلشقا جەلپ قىلدى.

(لى فېي فوتوسى)

   لوپنۇر دۆلەت قۇملۇق باغچىسى

   لوپنۇر دۆلەت قۇملۇق باغچىسى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان، جەنۇب تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قوشنا بولۇپ، قۇملۇقتا ئۆسكەن توغراق دەريا بويىدا ئۆسكەن توغراق بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل قىلغان.



6-ئاينىڭ 24-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى)

  قاناس كۆلى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى

   قاناس كۆلى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى ۋە قابا ناھىيەسىگە جايلاشقان، باغچىدا قاناس كۆلى، شېنيۆۋەن، يۆلياڭۋەن، ۋولۇڭۋەن قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى بار.



سايرام كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.

(سۇڭ جۈن فوتوسى)

  سايرام كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى

   سايرام كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ئورۇن بولۇپ، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 1301.4 كىۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇلۇق يەر ئىگىلىگەن ئومۇمىي كۆلىم 541.6 كىۋادرات كىلومېتىر.

   سۇلۇق يەر باغچىسى سايرام كۆلىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، سايرام كۆلى شىنجاڭ تىيانشاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئېگىز تاغ ئويمانلىقىغا جايلاشقان، شىنجاڭ تەۋەسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى ھېسابلىنىدۇ.