ئاپتور: نيەن لېي
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان باغراش كۆلىدىكى 600 مىڭ مولۇق قومۇشلۇق سۇلۇق يەر يېشىللىققا پۈركەندى، يىراقتىن قارىسڭىز، سۇ بىلەن ئاسمان بىر رەڭدە بولۇپ، ياپيېشىل قومۇشلارنىڭ شولىسى كۆل يۈزىگە چۈشۈپ، بەئەينى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى.
باغراش كۆلى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، سۇ يۈزى كۆلىمى 1646 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى، چەكسىز كەتكەن قومۇشلۇق، مول ساھىل سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسى نۇرغۇن سۇ قۇشىنى بۇ يەردە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، بۇنىڭ بىلەن باغراش كۆلى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: باغراش ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى