[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] شىنجاڭ ماناس: پادىچى ناخشىسى ياڭرىدى، گۈللەر خۇش ھىدىنى چاچتى، تاغ-دەريالار گۈزەل تۈسكە كىردى

2023-06-15 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

   5-ئايدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا گۈل-چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، پادىچى ناخشىسى ياڭرىدى، ئاستا-ئاستا يېشىللىققا تولغان دالا ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ۋۇداۋيا مەنزىرە رايونى، شىمېنزى سۇ ئامبىرى خۇددى كۆك ياقۇتتەك تاغلار ئارىسىدا چاقناپ تۇراتتى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چوققىلار كەچكى شەپەق نۇرىدا ھەيۋەتلىك، گۈزەل كۆرۈنەتتى، بۇ مەنزىرىلەر كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى.

( ئاپتور:خەن شۈەنجۇ، ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ماناس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى )