[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] قايدۇ دەرياسىدىكى مۇزلار ئېرىدى

2020-04-30 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

    تىيانشان تورى خەۋىرى:شىنجاڭ قايدۇ دەرياسى قىشتىن كېيىن قايتا ئويغاندى، مۇزلار ئېرىپ، چوڭ-كىچىكلىكى، شەكلى ھەرخىل بولغان مۇز پارچىلىرىنى شەكىللەندۈردى.

  قايدۇ دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 610 كىلومېتىر بولۇپ، ۋادا كۆلىمى 22 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسى، خۇشۇت ناھىيەسى، يەنجى ناھىيەسى، باغراشتىن ئىبارەت تۆت ناھىيەدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى——باغراش كۆلىگە ئېقىپ كىرىدۇ، قايدۇ دەرياسى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.

  قايدۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان باغراش ناھىيەسى ۋادىنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەتىيازدا گۈلدىن ھۇزۇرلىنىش، يازدا سالقىنداش، كۈزدە قۇشلارنى تاماشا قىلىش، قىشتا قار ئويناشتەك ساياھەت-ھېس قىلىش ئۇسۇلىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن ساياھەتچىلەر بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئوخشىمىغان مەنزىرىلەرنى ھېس قىلالايدۇ.