شىنجاڭ باغراش كۆلى: قومۇش بوي تارتىپ، پەسىل قۇشلىرى لەرزان پەرۋاز قىلدى

2020-04-30 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

تىيانشان تورى خەۋىرى:ھازىر، شىنجاڭ باغراش كۆلى سۇلۇق يېرىنىڭ سۇ ئورنى ئۆرلەپ، قومۇشلار بوي تارتىش مەزگىلىگە كىردى، 600 مىڭ مو سۇلۇق يەردىكى قومۇشلۇق پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆپىيىش ماكانىغا ئايلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، باغراش كۆلى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، سۇ كۆلىمى 1646 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن. ھازىر باغراش كۆلىدە ئاق قۇ، ياۋا غاز، ئاققۇتان، سۇ ئۆردىكى قاتارلىق 120 خىلدىن ئارتۇق قۇش بار بولۇپ، ھەر يىلى ئەتىيازدا ئۇلار گۈزەل باغراش كۆلىدە ماكانلىشپ كۆپىيىدىكەن. كۆل سۈيى، قومۇش، تۈرلۈك سۇ قۇشلىرى تەبىئەت بىلەن مۇكەممەل، ئىناق تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

4-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قايدۇ دەرياسىدىن خۇاڭشۈي جىلغىسى ئارقىلىق باغراش كۆلىگە ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش خىزمىتى باشلىنىپ، باغراش كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلاندى. 2018-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قايدۇ دەرياسى ئازادلىق 2-ئۆستىڭى ئېكولوگىيەلىك چۈشۈرگىسىدىن خۇاڭشۈي جىلغىسى ئارقىلىق باغراش كۆلىگە ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنى ئۇدا يولغا قويۇپ، جەمئىي 339 مىليون كۇب مېتىر سۇ يەتكۈزۈپ، خۇاڭشۈي جىلغىسىنىڭ ئېقىن ئۈزۈلۈپ قېلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، خۇاڭشۈي جىلغىسى بىلەن باغراش كۆلىنىڭ سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باغراش كۆلىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدە يەنە بىر سۇ ئايلانما رايونىنى شەكىللەندۈردى.