خەلق تورى خەۋىرى: مۇزلۇق سۇلۇق يەر باغچىسى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى توپلۇق يېزىسى تەۋەلىكىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەرلەرنىڭ بىرى.
يېڭىسار ناھىيەسىدە ياسالغان كۆلىمى 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان مۇزلۇق سۇلۇق يەر باغچىسىدا، يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، مەنزىرە تاماشا قىلىش، پىيادە مېڭىش، بېلىق تۇتۇش قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.
مۇزلۇق سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى گۈزەل مەنزىرە، ئېسىل تائاملار نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. كىشىلەر يەنە قومۇشتىن ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى توقۇپ سېتىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى.
مۇزلۇق يېڭىسار ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى بىر تەبىئىي كەنت. مۇزلۇق كەنتى ئويمان يەرگە جايلاشقان بولۇپ، يازدا كەلكۈن بۇ جايغا يىغىلىپ، قىشتا مۇز تۇتۇپ، بىر پارچە مۇزلۇق يەر شەكلى ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭا بۇ جاي «مۇزلۇق» دەپ ئاتالغان. (ۋاڭ يەنجيې)