مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش

2020-06-24 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/517/890/00351789022_c1ecfbfd.jpg

    كۇچا دالۇڭچى كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىزدۇەن شياۋماۋ، ياڭ شوخەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭدا شۇنداق بىر تاشيول بار، ئۇ تىيانشان تېغىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول» دەپ ئاتالغان، ئۇ بولسىمۇ مايتاغ-كۇچا تاشيولى. ئۇ شىمالدا قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرىگىچە تۇتىشىدۇ، يول بويى خۇڭسەن تاش ئورمانلىقى، كۇچا دالۇڭچى كۆلى، شياۋلۇڭچى كۆلى، بايىنبۇلاق يايلىقى قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى بار بولۇپ، بۇ تاشيول قارلىق تاغ، جىلغا، سۇلۇق يەر، يايلاق، دەريا ئېقىنى قاتارلىقلاردىن ھۇزۇرلىنىشتا «توردا نام چىقارغان» ساياھەت تاشيولىدۇر، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىكەن.

6-ئاينىڭ 13-كۈنى، يېرىم يىلدىن ئارتۇق «قار ئاستىدا ياتقان» مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش ئەسلىگە كەلدى، ئاپتوموبىل قاتناش ۋاقتى تۆت ئايغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/517/890/00351789024_642fbc68.jpg

    ساياھەتچىلەر مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدا سۈرەتكە تارتماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/517/890/00351789026_a4b3170a.jpg

    6-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرى مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكىدىن يولغا چىقتى.

说明: http://uy.ts.cn/pic/003/517/890/00351789023_a0390e66.jpg

  ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىدىن ئايلىنىپچىقىش.