موڭغۇلكۈرە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

2020-09-07 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

   موڭغۇلكۈرە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋەئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرىدىكى دەريا جىلغىسى بەلبېغىغا جايلاشقان، كۆلىمى 1 مىليون 40 مىڭ مو بولۇپ، ئىلى ئوبلاستى سۇلۇق يەر كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بوشلۇقتىن نەزەر سالساق ، مۇز چوققىلار، كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇتلار، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تېكەس دەرياسى، خۇددىي يۇلتۇزلاردەك، شاھمات تاختىسىدىكى ئۇرۇقلاردەك تارقالغان سۇلۇق يەرلەر، تاغ - دالىلارنى قاپلىغان ئالتۇن رەڭلىك ئوت-چۆپلەر، ئەگرى سوزۇلغان دەريا ئېقىنى سانسىزلىغان گۈزەل يۆگىمە رەسىمگە ئوخشايدىغان بولۇپ،ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ.

                                                                                                                                        چىن جيېخەۋىرى، فوتوسى