2020-يىل 9-ئاينىڭ 19-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونىدىكى يۆلياڭۋەننىڭ كۈز مەنزىرىسى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل رەڭدار مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، يېشىل، سېرىق رەڭلىك دەل-دەرەخلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ، كۆك رەڭلىك دەريا رەڭگارەڭ دەرەخلەر ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتتى، قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل، كۆك رەڭلەر دەريا يۈزىدە ئەكس ئېتىپ، تەبىئەتنىڭ «رەڭ تەڭشەش تەخسىسى» گۈزەل بىر پارچە ماي بوياق رەسىمنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈز پەسلىنى ھەيران قالدۇردى.
چېن شياڭياڭ فوتوسى، خەۋىرى