شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 - يىغىنىنىڭ تەيىنلەش ئىسىملىكى

2024-05-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2024 - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

مۇقىيات جارمۇقامەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش قارار قىلىندى.


مۇقىيات جارمۇقامەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

مۇقىيات جارمۇقامەت، ئەر، قازاق، 1967 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى(قوشۇمچە ئۆتەيدۇ). ئىلگىرى مۇئاۋىن ھاكىم، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باش كاتىپى، مۇئاۋىن ۋالىي، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.