[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] قىزىلتاغقا چىقىپ ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش

2020-05-08 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  قىزىلتاغ باغچىسى شىنجاڭ ئۈرۈمچىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ، يىراقتىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسىلا قىزىلتاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدۇ. 5-ئايدىكى ئۈرۈمچى باھار تۈسىگە كىرىپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە، ئازراق يامغۇردىن كېيىن، قىزىلتاغ مۇنارى ۋە باغچىدىكى يىراققا نەزەر سېلىش راۋىقى، رەسىم كارىدورى، گۈللەر ۋە يېشىل ئۆسۈملۈكلەر يۇيۇلۇپ، گۈزەل تۈسكە كىردى، ئەگرى-توقاي يوللار، سەيلە كېمىسى، ياۋا ئۆردەكلەر ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتتى.

   قىزىلتاغ ئىلگىرى قاقاس، تاقىر تاغ بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىشى، ئۈزلۈكسىز قۇرۇلۇش قىلىشى، كۆڭۈل قويۇپ بېزىشى بىلەن، بۈگۈنكىدەك باھاردا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدىغان، ياز كۈنلىرى سالقىن، كۈزدە مېۋىلەر بىلەن تولغان، قىشتا قار-مۇز قاپلىغان گۈزەل باغچىغا ئايلاندى، ئۇ شەھەر مەركىزىدە قەد كۆتۈرۈپ،  ئۈرۈمچىنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ۋە تارىخىي زور ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى.