گۈزەل شىنجاڭ كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى

2021-06-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ــــ «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش» پائالىيىتى باشلىنىپ ئون كۈندە 1000 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر تاپشۇرۇۋېلىندى

كوئېنلۇندىكى پەلەكيولى.  ئادىل نادىرفوتوسى

    ياۋا مېۋە ئورمىنىدىكى تاڭ نۇرى.ياڭ شياۋچيەنفوتوسى

  ئايلانما تاغ يولى.  جاڭ زېخۇەنفوتوسى

 تۇرگۇننىڭ باھار مەنزىرىسى.  ۋاڭ نىڭفوتوسى

 ھەممە يەردە چىراغ نۇرلىرى چاقنىدى.  جاڭ شىنجۈنفوتوسى

  سالقىن ياز.  ياڭ كۇنفوتوسى

 چىلاندىن مول ھوسۇل ئېلىندى.ۋاڭ يۇڭچياڭفوتوسى

  موڭغۇلكۈرەدە تۈمەن تۇلپار بەيگىگە چۈشتى.  ۋاڭ جىچىڭفوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىرېن جياڭ

«2021-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى» پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ ئەسەر قوبۇل قىلىش باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى فوتوگرافلار، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى بەس-بەستە مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى باشلانغان ئون كۈندىن بۇيان، شىنجاڭبوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىنغان 1000دىن ئارتۇق ھەر خىل فوتو سۈرەت ئەسىرىتاپشۇرۇۋېلىندى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى) مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ ئەسەر قوبۇل قىلىندى. 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، 80 نەچچە نەپەر فوتوگراف، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى مۇسابىقىگە قاتناشتى، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىن كەلگەنلەر بولۇپلا قالماستىن، يەنە بېيجىڭ، جياڭسۇ، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەنلەرمۇ بار.

بېيجىڭدىن كەلگەن بىر مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپكە تېلېفون قىلىپ، شىنجاڭغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. ئۇ بىر تېببىي خادىم بولۇپ، دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، شىنجاڭغا بەش قېتىم كەلگەن، ئۈچ قېتىم پامىر ئېگىزلىكىنى ساياھەت قىلغان، سۈرەتكە ئالغان، يەنە 80 ياشتىن ئاشقان ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا شۇ جايدىكى دوختۇرلارنىڭ مۇرەككەپ كېسەلگە دىياگنوز قويۇشىغا ياردەملەشكەن ئىكەن. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا سۈرەتكە ئالغان نادىر ئەسەرلىرىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماقچى بولغان. «شىنجاڭ ئاللىقاچان مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم بولۇپ قالدى، بۇ سۈرەتلەرگە مېنىڭ شىنجاڭدىكى ھەقىقىي تەسىراتىم خاتىرىلەنگەن، مەن بۇ ئەسەرلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن» دېدى ئۇ.

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ھەربىر ئەسەرنىڭ ئارقىسىدا قىزىقارلىق ياكى ئۇنتۇلغۇسىز ھېكايىلەر بار. توپلانغان 1000دىن ئارتۇق ئەسەردەگۈزەل شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلەر بولۇپلا قالماي،يەنە شەھەر قۇرۇلۇشى، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشلىرى مۇجەسسەملەنگىنىمۇ بار، بۇ ئەسەرلەردەشىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكى«بوشلۇق»تىننامايان قىلىندى.

«مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى يېڭى سىما. شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى) سۈرەتلىك خەۋەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ لېي شۇنداق دېدى: «بۇ يېڭى كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىزگە تېخىمۇ مول سۈرەتكە ئېلىش مەزمۇنى ۋە كۆرۈش نۇقتىسىنى نامايان قىلدى ھەم بىزنىڭ فوتوگرافلار قوشۇنىمىزنى زورايتتى، بۇ بىزنىڭ كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ھالدا شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىمىزگە كۈچ قوشىدۇ.»

«2021تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى» بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى) يەنە بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش ماھىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە يۇقىرى سەۋىيەلىك بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش ماھىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش ماھىرلىرى ئائىلىسى قۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك فوتو سۈرەت ئىختىيارىي مۇخبىرلار قوشۇنى بەرپا قىلدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى) ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى قاتارلىق سۇپىلاردا «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش» مەخسۇس سەھىپىسىتەسىس قىلىپ، قوبۇل قىلغان ئەسەرلەر ئىچىدىن قىسمەنلىرىنى تاللاپ نامايان قىلدى.

«2021 تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى»نىڭ ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 24كىچە بولىدۇ.