9-ئايدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرى ئاشلى قازاق يېزىسى نۇرجا كەنتىدىكى جامبۇلات يايلىقىنىڭ كۈز مەنزىرىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، سېرىق، يېشىل ئارىلاش چىملىق بىلەن قارامتۇل يېشىل شەمشاد بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشتى، توپ ـ توپ كالا-قويلار ئوتلاققا «تارالدى»، ياغاچ ئۆي، كىگىز ئۆيلەر يۇلتۇزدەك چېچىلغان بولۇپ، مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. يىراقتىن تاغ ئارىسىغا نەزەر سالغىنىڭىزدا، دەستە-دەستە قۇياش نۇرى، ئەگىپ يۈرگەن بۇلۇتلار كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى.
ئاپتور: چېن گۇڭچىڭ (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى )
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى