ئالتۇن توغراق، بىپايان قۇم دېڭىزى، كۆللەر خۇددى ئەينەكتەك، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شىدىكى خۇلۇداۋنىڭ كۈز پەسلى خۇددى ماي بوياق رەسىمدەك تەبىئەتنى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزدى، كۆل ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت كېمىسى ئەينەك يۈزىنى يېرىپ، دولقۇنلار توغراقلارنىڭ سايىسىنى سۇندۇردى.

قۇم دېڭىزىنى رامكا، كۆلنى رەسىم تەگلىكى قىلىپ، ساياھەت كېمىسى «ئەينەك يۈزى»نى ئىتتىرىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. تەن جيەنگۇڭ فوتوسى

قۇم دېڭىزى نوتا، زۇمرەت سۇ ئەينەك بولدى، توغراق مىڭ يىللىق دەقىقىدىكى ئالتۇن داستاننى پۈتتى. ۋاڭ شىلېي فوتوسى

خۇلۇداۋنىڭ كۈز پەسلى خۇددى ئۆرۈۋېتىلگەن رەڭ تەڭشەش تەخسىسىگە ئوخشايتتى، بارلىق قويۇق رەڭلەر سۇدا جىمجىت چۆكمە ھاسىل قىلغانىدى. ۋاڭ شىلېي فوتوسى

ئالتۇن توغراق، بىپايان قۇم دېڭىزى، كۆللەر خۇددى ئەينەكتەك بولۇپ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل ئىدى. ۋاڭ شىلېي فوتوسى

ئالتۇنرەڭ توغراقلىق كۆزنى ئەڭ قاماشتۇرىدىغان كۈز نۇرى بىلەن بىللە بۇ يەردە ساقلىنىپ قالدى. ۋاڭ شىلېي فوتوسى

توغراق ئالتۇن رەڭلىك شاخلىرىنى سۇ يۈزىگە سوزۇپ، سايە بىلەن ئاستا-ئاستا تۇتىشىپ، كۈز رەڭگىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. ۋاڭ شىلېي فوتوسى

ئالتۇن توغراقلار قۇم دېڭىزى بىلەن ئورالغان جايدا خالىغانچە «كۆيۈۋاتاتتى»، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ خۇددى ئاسماندىن چۈشكەن ئەينەكتەك بۇلۇت ۋە قۇم بارخانلىرىنى قوينىغا ئالدى. تەن جيەنگۇڭ فوتوسى

كۈز شامىلى كۆل يۈزىنى سىيپاپ ئۆتكەندە، سۇ سىزىقلىرى كۈز پەسلىدىكى سايىنى يېنىك تەۋرىتەتتى. ۋاڭ شىلېي فوتوسى

توغراقنىڭ ئالتۇن رەڭگى، قۇم دېڭىزىنىڭ ئەگرى سىزىقى، كۆلنىڭ سۈزۈكلۈكى تەبىئەتنىڭ قۇملۇققا يازغان ئەڭ مۇلايىم مۇھەببەت شېئىرى بولۇپ قالدى. ۋاڭ شىلېي فوتوسى

ئالتۇن رەڭلىك توغراق كۆل قىرغىقىنى بويلاپ ئۆسۈپ، كۈز كۈنلىرىدە ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان «كۆرۈش سېزىمى زىياپىتى» بەردى. ۋاڭ شىلېي فوتوسى
مەيىن شامالدا يېنىك دولقۇنلار جىمىرلىغىنىچە مىڭ يىللىق يىل ھالقىسىنى يېرىپ ئۆتىدۇ، ئالتۇن كەبى جۇلالىق نۇرلار دەرەخ يوپۇرماقلىرىغا ئەگەشكىنىچە زۇمرەتتەك سۇ يۈزىگە سىڭىپ كېتىدۇ. يۈرۈڭ، كۈز ئۇچرىشىشىغا بىرلىكتە بارايلى، كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان توغراقلاردىن، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقتىن، ئىللىق كۆل سۈيىدىن ھۇزۇر ئېلىپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرايلى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى