
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قار مەنزىرىسى (مېڭ ياجۈن فوتوسى)
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىللىق قۇياش نۇرى چاقىلىق ناھىيەسى ئالاغان ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لاگېرىغا چۈشۈپ تۇراتتى، لاگېر مەسئۇلى ليۇ پېڭ يەنىلا ئالدىراش ئىدى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى تارىم دەرياسىدا بىر قەۋەت نېپىز مۇز تۇتقان بولۇپ، قۇياش نۇرىدا ئىنچىكە كۈمۈش رەڭ نۇرلار چاقناپ تۇراتتى. شىنجاڭ ئالاھىدە ساياھەت ساھەسىدە 30 يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن بۇ نوپۇزلۇق يېتەكچى ئىختىيارسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ لاگېر سىرتىدىكى مەنزىرىگە نەزەر سالغاندا، پەسىلنىڭ بىلىپ - بىلمەيلا ئالمىشىپ بولغانلىقىنى بايقىدى −
«بۇ بىرنەچچە يىلدا، قىش پەسلىدىكى قۇملۇقمۇ بەك ئاۋات بولۇپ كەتتى» دېدى ليۇ پېڭ ھاياجانلانغان ھالدا. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قىش پەسلى ئىلگىرى جىمجىت ئىدى. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتوموبىل بىلەن قۇملۇق تاشيولىدا ماڭغاندا، ئاپتوموبىل چاقىدىن چىققان شىر - شىر قىلغان ئاۋاز قىش كۈنلىرىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان رىتىم بولۇپ قالدى.
ليۇ پېڭنىڭ نەزەرىدە، قىش پەسلى ئەسلىدىنلا شىنجاڭدىكى قۇملۇق ساياھىتىنىڭ قالتىس مەزگىلى ئىدى. «مەيلى قۇملۇق دالا ساياھىتى ياكى ئىستىراھەت ساياھىتى بولسۇن، ئەڭ چوڭ قىيىن مەسىلە ئىزچىل يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە قۇم - بوران بولۇپ كەلگەنىدى. ياز پەسلىدىكى تومۇز ئىسسىققا چىدىماق تەس، ئەتىياز پەسلىدە ھەممە يەرنى قۇم - توزان قاپلاپ كېتىدۇ، پەقەت جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدە ھەم پۇت - قوللار توڭلاپ كەتمەيدۇ، ھەم ناچار ھاۋارايىدىن پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولىدۇ، سەپەرگە چىقىشقا بەك ماس كېلىدۇ».
نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزەرىدە قۇملۇقنىڭ قىش پەسلى بىلەن ياز پەسلى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ تۇتاش كەتكەن قۇم بارخانلىرى ۋە چەكسىز كەتكەن قۇم دېڭىزىدىن ئىبارەت. ئەمما ليۇ پېڭ شۇنى چوڭقۇر بىلىدۇكى، پەقەت بىر قېتىم قار ياغسا ياكى بىر كېچە قەھرىتان سوغۇق بولسا، تەكلىماكاندا شېئىرىي تۇيغۇغا تولغان گۈزەل مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ: تارىم دەرياسى بويىدىكى توغراق شاخلىرىنى پارقىراپ تۇرغان تۇمان سۆڭگىسى قاپلاپ، قۇياش نۇرى چۈشكەندە ئالماستەك جۇلالىق نۇرلار ئەكس ئېتىدۇ، قۇم دېڭىزى قار دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ، تۇتاش كەتكەن قۇم تاغ «ئاق لىباس» كىيىدۇ، سېرىق بىلەن ئاق يۇغۇرۇلغان سىزىقچىلار بوياپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ، كۈچلۈك رەڭ سېلىشتۇرمىسىدا، نۇر دەستىسى قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا ئايلىنىپ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ، ئەسلىدىكى قىرلىق قۇم سىزىقچىلىرى يىغىلىپ قالغان قاردا نەپىسلىشىپ، خۇددى ئاسمان بىلەن زېمىن تۇتاشقاندەك غايەت زور مەنزىرىنى نامايان قىلغانىدى. مانا بۇ «ھالاكەت دېڭىزى»نىڭ قىش كۈنلىرىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان جىمجىت، گۈزەل قىياپىتى.
قار بولمىغان ھالەتتىمۇ، قىش پەسلىدىكى قۇملۇق تاشيولىدا يۈرگەندىكى ھېس قىلىشمۇ ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە. يىراققا نەزەر سالغاندا، يەر - جاھاندا كۆك ئاسمان بىلەن قۇملۇقلا بولۇپ، جىمجىتلىق ئىلكىدە ۋايىغا يەتكەن تەنھا گۈزەللىك ھەربىر ساياھەتچىگە قەلبىدىكى بىپايان مەنزىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ياشېڭ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مېڭ ياجۈن يەنە قىش پەسلىدە تەكلىماكان قۇملۇقىغا چوڭقۇر چۆكۈپ سۈرەتكە تارتىشنى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، دەپ بىلىدۇ.
شەنشىلىك بۇ ئەزىمەتنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇۋاتقىنىغا ئۇدا 24 يىل بولدى. تۇنجى قېتىم كەلگەن ساياھەتچىدىن شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان فوتوگرافقىچە، ئۇنىڭ ئاياغ ئىزلىرى بايىنغولىن ئوبلاستى ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭدىكى چۆللۈك ۋە قۇملۇقنى قاپلىدى، دالىدا يېتىپ قوپۇش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. قار بىلەن قاپلانغان قۇملۇققا بولغان ئىشتىياق دەل ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ھەۋەسكە ئايلاندى. مۇشۇ يىللاردا، ئۇ كامېراسى ئارقىلىق تارىم دەرياسى بويىدىكى توغراقلاردىكى تۇمان سۆڭگىسىنى، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قار مەنزىرىسىنى خاتىرىلىدى... قۇملۇق تاشيوللىرىنى بويلاپ، ئۇ قىش كۈنلىرىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سانسىزلىغان ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى خاتىرىلىدى.
«تارىم دەرياسى ئەتراپىنىڭ مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل، تۇمان سۆڭگىسى بار، قۇملۇق بار، يەنە مۇز تۇتقان دەريا يوللىرى بار بولۇپ، قاتلاملىرى ئىنتايىن مول. سېرىق قۇم بىلەن ئاپئاق قار گىرەلەشكەن ئاشۇ كۈچلۈك بىۋاسىتە كۆرۈش سېزىمىنى تەسۋىرلەشكە ھەقىقەتەن تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ.» مېڭ ياجۈن يان تېلېفونىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرسەتتى، سۈرەتتە سېرىق، ئاق رەڭ گىرەلىشىپ كەتكەن قۇم دېڭىزى بىلەن كۈمۈش لىباس كىيگەن توغراقلار جۇلالىنىپ بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، «ئىلگىرى قۇملۇقتا قىشتا قار ناھايىتى ئاز ياغاتتى، ھازىر ئېكولوگىيە ياخشىلاندى، قار مەنزىرىسى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى، مەن قىشتىمۇ بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتىم».
بىر قېتىم ياغقان قار دەل يولغا چىقىش بۇيرۇقى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، قۇملۇق تاشيوللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مېڭ ياجۈننى قۇم دېڭىزىدا توسالغۇسىز راۋان يۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاز ئۇچرايدىغان گۈزەل مەنزىرىلەرنى خاتىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ليۇ پېڭ يەنە دائىم ساياھەتچىلەرنى باشلاپ بۇ مەنزىرىلەرنى قوغلىشىپ خاتىرە قالدۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، «قىش پەسلىدىكى قۇملۇقتا باشقا جايدا كۆرگىلى بولمايدىغان مەنزىرىلەر بار.» ئىلگىرى پەقەت قىزغىن مەستانىلەرلا ئالاھىدە ياقتۇرىدىغان قىش پەسلىدىكى قۇملۇق ساياھىتى بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلگەن كەسىپ ھالىتىگە ئايلاندى: ئالاغان ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لاگېرىدا قىش پەسلىدىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، شىركەتنىڭ ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش كەسپىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى جانلاندى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، شىمالىي شىنجاڭدا ياغقان قېلىن قار تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى، پەقەت نېپىز بىر قەۋەت قار ياغقان بولسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك سۈرەت، سىنلار توردا ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ بىرنەچچە كۈندە، كىشىلەر ليۇ پېڭغا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇچۇر يوللىدى: قۇملۇقتا قاچان قار ياغىدۇ؟ بىز مەنزىرىنى تاماشا قىلىشقا تەقەززا بولۇۋاتىمىز!