تولى: بىر توپ ياۋا ئۆردەكلەر قىش كۈنلىرىدىكى جىمجىت دەرياغا ھاياتىي كۈچ قوشتى

2026-02-07 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

   2 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسى تۆمۈرتام بازىرىدىكى كۆكتال دەرياسى پۈتۈنلەي مۇز تۇتمىغانىدى، بىر نەچچە جايدىكى ئېقىن سۇ ئەگمىلىرىيېشىل باش ئۆردەكلەرنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلانغانىدى. ئۇلار گاھ سۈپسۈزۈك تېيىز سۇدا بەخىرامان ئۈزسە، گاھ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئوزۇق ئىزدەيتتى، بەزىدە قاناتلىرىنى قېقىپ سۇ يۈزىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ،قىشتىكى جىمجىتدەريا ۋادىسىغا ھاياتىي كۈچ قوشاتتى. بۇ ياۋا زېرەكچاقلارنىڭ سىيماسى شۇ جاينىڭ قىش كۈنلىرىدىكى بىر يارقىن مەنزىرىسى بولۇپ قالغانىدى.

(ئاپتور: ۋاڭ زىرۇڭئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: تولى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى