ئۇلۇنگۇر كۆلىدە قار-مۇزلار ئېرىپ دەريا سۈيى ئۆرلىدى، پەسىل قۇشلىرى كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ھاياتىي كۈچكە تولغان باھار مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى

2026-03-28 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  3-ئاينىڭ 23-كۈنى، باش باھاردا، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا قار-مۇزلار تەدرىجىي ئېرىپ، باھار سۈيى ئۆرلەشكە باشلىدى. كۆپكۆك ئاسمان بىلەن سۈتتەك ئاق باھار سۈيى بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، بىر پارچە جىمجىت، ئىناق باھار مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى. ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ياشايدىغان سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ، قىزىل تۇمشۇق چۆمگەك ئۆردەك قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى جانلىنىپ، بەزىدە ئەركىن ئۈزۈپ ئوزۇق ئىزدىسە، بەزىدە توپ-توپ بولۇپ ئۇچۇپ، ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

http://uy.ts.cn/pic/003/529/688/00352968806_c69a7db6.jpg

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىككى سۆگەل بۇرۇن غاز ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ماكانلاشتى.

http://uy.ts.cn/pic/003/529/688/00352968807_3593ec30.jpg

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، توپ-توپ قىزىل تۇمشۇق چۆمگەك ئۆردەك قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ماكانلاشتى.

http://uy.ts.cn/pic/003/529/688/00352968808_8adf1b3b.jpg

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، توپ-توپ قىزىل تۇمشۇق چۆمگەك ئۆردەك قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ماكانلاشتى.

http://uy.ts.cn/pic/003/529/688/00352968809_765f4c84.jpg

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ مەنزىرىسى.

http://uy.ts.cn/pic/003/529/688/00352968810_ae610ca0.jpg

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ مەنزىرىسى.

(شۆدۇدۇ \ ئالتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرىئارداق بېيىسقان)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى