ئەتىيازلىق پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇرچىن ناھىيەسى شىمالغا كۆچكەن پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى. قۇشلارنىڭ جانلىق سىيماسى زۇمرەتتەك سۇلار ئارىسىدا ئۆتۈشۈپ، باھاردىكى ئىللىق قۇياش نۇرى، دەنشيا قىرغاقلىرى بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، ناھىيەنىڭ باھار پەسلىگە ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈنۈمىنىڭ جانلىق ئىزاھاتىغا ئايلاندى.

ئەتىيازدىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇرچىن ناھىيەسى شىمالغا كۆچكەن پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇرچىن ناھىيەسىدە پەسىل قۇشلىرى ئەتىيازدا 3-ئاينىڭ باشلىرىدىن 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كۆچىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىل يۇقىرى پەللە مەزگىلى ھېسابلىنىدىكەن. ناھىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېرتىش دەرياسى ۋادىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەرلەر ئاق قۇ، ئاق قوتان، كۈلرەڭ تۇرنا، ياۋا غاز، ھاڭگىرت قاتارلىق نەچچە ئون خىل ياۋا قۇشنىڭ كۆچۈش سەپىرىدىكى مۇھىم «تەمىنات پونكىتى»غا ئايلىنىپ، قۇشلارنى يېتەرلىك يېمەكلىك مەنبەسى ۋە بىخەتەر ياشاش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئەتىيازدىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇرچىن ناھىيەسى شىمالغا كۆچكەن پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى.
بۇ قېتىم پەيدا بولغان ھاڭگىرت ئالتاي ۋىلايىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان قۇش تۈرى، شۇنداقلا پەسىل قۇشلىرى كۆچۈش جەريانىدا ئەڭ كېيىن ئايرىلغان قۇشلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى سارغۇچ رەڭلىك پەيلىرىنىڭ رەڭ تۈسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بويۇن قىسمىدىكى تار قارا رەڭلىك بويۇن ھالقىسى بىلەن قانىتىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئاق داغ روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان، مىس يېشىلى رەڭگىدىكى قانىتى كۈن نۇرىدا كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار تۈزلەڭلىك، كۆل، دەريا ۋە سازلىق قاتارلىق تاتلىق سۇ رايونلىرىغا مايىل بولۇپ، دائىم نەچچە ئوندىن نەچچە يۈزگىچە توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، تېيىز ساھىل ۋە قۇرۇقلۇق ئارىسىدا ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، ئۇلار سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم «كۆرسەتكۈچ تۈر» ھېسابلىنىدۇ.

ئەتىيازدىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇرچىن ناھىيەسى شىمالغا كۆچكەن پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى.