ئاپتورلار: لى خاۋرەن، سۈي ۋېنجۈەن، فېردەۋىس رېشات
4-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قاراماي شەھىرىنىڭ كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى بىرقانچە قېتىم 20 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقاچقا، مۇۋاپىق ھاۋا كىلىماتى ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئۇدا بىرنەچچە كۈن ئوچۇق ھاۋا رايىنىڭ تۈرتكىسىدە، نېفىت شەھىرىدىكى ھەرقايسى جايلاردا باھار گۈللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، راسا چېچەكلەش مەزگىلىگە كىرىپ، رەڭگارەڭ تۈسكە ئېلىپ، پۈتۈن شەھەرنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى، ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى. ھاۋا ئوچۇق، ئىللىق، باھار مەنزىرىسى نامايان بولدى، شەھەر ئاھالىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۆيلىرىدىن چىقىپ، سىرتلاردا سەيلە قىلىپ، گۈل-چېچەكلەرنى تاماشا قىلدى، بەدەن چېنىقتۇرۇپ ئارام ئالدى، ئىللىق باھار نۇرىدا تەبىئەتنىڭ سوۋغىسىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇپ، گۈزەل باھار كۈنلىرىدىكى ئارامبەخش دەملەرنى ۋە گۈزەللىكنى ھېس قىلدى.









(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: قاراماي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى