5-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ قاراماي شەھىرى قاراماي دەرياسى مەركىزىي مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. سەيلە كېمىسى، كاتېرلار ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ دەريا يۈزىدە سەيلە قىلىپ، نېفىت شەھىرىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى باش ياز مەنزىرىسىنى بەخىرامان تاماشا قىلىۋاتاتتى. پارلاق قۇياش نۇرى دەريا يۈزىگە چۈشكەندە، فونتان مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشەتتى، نۇر شولىسى گىرەلىشىپ گۈزەل ھەسەن-ھۈسەننى ھاسىل قىلىپ، بىر شەھەرنىڭ جانلىق گۈزەل مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەنىدى.





(ئاپتور: مىن يۇڭ ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: قاراماي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)