قۇش ئانا، قۇش دادىلارمۇ «چۆجىلىرىنى سەيلە قىلدۇرىدۇ»، شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا قۇشلارنىڭ چۈجىلىرىنى بېقىۋاتقان ئىللىق كۆرۈنۈشى كۆزگە چېلىقتى

2026-06-11 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مېي

6-ئايدەل شىنجاڭدا ياۋايى قۇشلارنىڭ كۆپىيىشىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سۇلۇق يەر، كۆل، چۆل-جەزىرىلەردە، قۇشلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى ھەم ئۆزلىرىگە خاس ئىللىق ئۇسۇلدا چۈجىلىرىنى پەرۋىش قىلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدىقۇشلار چۆجىلىرىنى قوغدىدى، كىچىك چۈجىلەر خۇشال-خۇرام ئويناپ، سۇدا قوغلىشىپ ئوزۇقئىزدەپ، بەخىرامان سەيلە قىلدى. جانلىق، ئوماق كۆرۈنۈشلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق بىللە ياشاشتەك ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

5-ئاينىڭ 28-كۈنى، قۇش ھەۋەسكارلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى سەيۋوپۇ كۆلى سۇلۇق يېرىدە لەيلىلىك تۇرنىنىڭ جۆجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوزۇقئىزدەۋاتقان كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

جاۋ چۇنخۇيفوتوسى

«ھازىر دەل چۈجىلەر كۆپلەپ تۇخۇمدىن چىقىدىغان ۋاقىت، ھەر كۈنى دېگۈدەك ھەر خىل قۇشلارنىڭ <چۆجىلىرىنى سەيلە قىلدۇرۇۋاتقان> ئىللىق مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ»دېدى شىنجاڭلىق قۇش ھەۋەسكارى جاۋ چۇنخۇي. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى سەيۋوپۇ كۆلى سۇلۇق يېرى يېشىللىققا پۈركەندى، تۇتاش كەتكەن قومۇشلار شامالدا ئىرغاڭلاپ، قويۇقيېپىنچاسۇ ئۆسۈملۈكلىرى قۇشلار ئۈچۈن بىخەتەر، ئازادە كۆپىيىش ماكانى بەرپا قىلدى. سۇلۇق يەر ۋە ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا، لەيلىلىك تۇرنا، پۆپۈچەكلىك قىليورغا، قارا قۇيرۇق قىليورغا قاتارلىق قۇشلارنىڭ بەزىلىرى ئۇۋىسىدا جىمجىت تۇرسا، بەزىلىرى چۆجىلىرىنى باشلاپ ئوت-چۆپلەر ۋە كۆللەر ئارىسىدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

5-ئاينىڭ 28-كۈنى، قۇش ھەۋەسكارلىرى ۋۇجياچۈ شەھىرى ئەتراپىدىكى چۆللۈكتە ساكسىكولا قۇشىنىڭ «چۆجىلىرىنى ئېلىپ يۈرگەن» كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

جاۋ چۇنخۇيفوتوسى

ۋۇجياچۈ شەھىرى ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەردە قۇشلارنىڭ چۈجىلىرىنى بېقىۋاتقان مەنزىرىسى ناھايىتى قىزىقارلىق ئىدى. نۇرغۇن سۇ قۇشىئۇۋىسىدا تېخى تۇخۇمدىن چىقمىغان «چۆجە»لىرىنى قوغداپ تۇرغاندا، شادا پاچاق قىليورغا قاتارلىق بالدۇر يېتىلگەن چۈجىلەر ئۆزى يالغۇز «سىرتقا چىقىپ» سەيلە قىلدى. «قۇش چۆجىلىرى بەك ئەقىللىق، ئانا قۇشنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، ناھايىتى تېزلا ئوت-چۆپلەر ئارىسىغا كىرىپ يوشۇرۇنۇۋالىدۇ»دېدى جاۋ چۇنخۇي.

ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى چۆللۈكتە، بىر جۈپ ساكسىكولا قۇشى چۈجىلىرىنى بېقىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، چۆجىلىرىنى سىرتتا ئايلاندۇرغاندا، پات-پات ئەتراپتىكى شەپىگە دىققەت قىلىپ قوياتتى. «ساكسىكولا قۇشىنىڭ چۆجىسى بەك زېرەك، بىرەر شەپىنى سەزگەن ھامان دەرھال چاتقاللىققا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ»دېدى قۇش ھەۋەسكارى ياڭ يۇڭ.

5-ئاينىڭ 25-كۈنى، قۇش ھەۋەسكارى ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى بىر سۇلۇق يەردە شادا پاچاق قىليورغىنىڭ چۆجىلىرىگە ھەمراھ بولۇپ «سەيلىگە چىققان» كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

جاۋ چۇنخۇيفوتوسى

ماناس دۆلەتسۇلۇق يەر باغچىسىدىكى سۈپسۈزۈك سۇ يۈزىدە، يېتىلگەن ئاق باش ئۆردەك ئەركىن ئۈزۈپ، بىمالال ئوزۇقئىزدەۋاتاتتى، بىر توپ مامۇقتەك چۈجىلەر كەينىدىن ئەگىشىپ، يېتىلگەن قۇشلارنى دوراپ سۇدا ئوزۇقئىزدەپ، ياشاش ماھارىتىنى مەشىق قىلىۋاتاتتى.«بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ياخشى، ئوزۇقلۇق يېتەرلىك، كۈندىلىك چارلاش-قوغداشتا يېتىلگەن قۇشلارنىڭ چۆجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوزۇقئىزدەۋاتقان كۆرۈنۈشنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ»دېدى ماناس دۆلەتسۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى.

ۋۇجياچۈ شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر مەنزىرە رايونىدا، جاۋ چۇنخۇي پۆپۈچەكلىك قىليورغىنىڭ چۈجىلىرىنى قوغداۋاتقان ئىللىق كۆرۈنۈشنى سۆرەتكە تارتتى. «بىر قۇش چۈجىسى ئۇۋىسىدىن ئايرىلدى، ئانا قۇش بىزنىڭ چۈجە قۇشنى سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، دەرھال يارىلانغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، قاناتلىرىنى كېرىپ، بىزنى چۆجىدىنئايرىلىشقا ئازدۇردى»دېدى جاۋ چۇنخۇي.

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ماناس دۆلەتسۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئاقباش ئۆردەك چۈجىسىنىڭ يېتىلگەن قۇشقا ئەگىشىپ كۆل يۈزىدە ئوزۇقئىزدەۋاتقان كۆرۈنۈشىسۈرەتكە تارتىۋېلىندى.

ئىختىيارىي مۇخبىرجاۋ چۇنخۇيفوتوسى

ئۇچار قۇشلار پەرۋاز قىلىپ، بارلىق شەيئىلەر ئۆسۈپ يېتىلدى، بۇ، ئېكولوگىيە-مۇھىتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ جانلىق گۇۋاھچىسىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش، سۇ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىق بىر قاتار ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى دائىملىق قانات يايدۇردى، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى، قۇشلارنىڭ تۈرى ۋە تۈر توپىنىڭ سانى مۇقىم ئاشتى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان گۈزەل مەنزىرە سىجىل نامايان بولماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى