شېئىرىي تۈسكە تولغان گۈزەل تاغ-دالا مەنزىرىسى

2026-07-10 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

   ئىزارئەلى فەيزالى مۇئەللىمنىڭ كامېراسىدا پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى ئۆزگىچە رومانتىكىلىقى نامايان بولدى. ئالتۇن جىنساۋتەن سۇلۇق يېرىدە سۇ ئوتلىرى بۈك-باراقسان ئۆسكەن، ئېرىقلار ئوتلاقنى ئوراپ تۇرغان بولۇپ، ئاپئاق قارلىق چوققىلار ھەيۋەتلىك ئارقا كۆرۈنۈشھاسىل قىلغانىدى؛ تاغ ئارىسىدىكى چارۋىچىلىق رايونىدىكى سۆسۈن گۈللەر مەيىن شامالدا مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى، بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ئاستا كېتىۋاتقان چارۋا پادىلىرى بىخىرامان يۈرەتتى. ئېگىزلىكتىكى قۇياش نۇرى ۋە بۇلۇت شولىسى قەلەم كەبى بۇ تۇپراقنىڭ بىپايان ھەم يېقىملىق جاسارىتىنى تولۇق سىزىپ چىققان بولۇپ، پامىرغىلا خاس بولغان تاغ-دالا شېئىرىي تۈسى گەۋدىلەنگەنىدى.

فوتوگراف: ئىزارئەلى فەيزالى

«视觉新疆»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى