ئاپتور: مىن يۇڭ، نيې مېڭتىڭ
7-ئايدا تومۇزدىكى بىر كەچقۇرۇن، شىنجاڭ قاراماي شەھىرىنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى. ئاسماننى شەپەق نۇرى قاپلىغان بولۇپ، كۈن پېتىش ئۇپۇقنى قىزغۇچ سېرىق، ئالتۇن رەڭ بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ، خۇددى نازۇك كىمخابتەك شەھەر ئاسمىنىنى قاپلىدى. جىنلۇڭ كۆلى سۇ يۈزىدە ئالتۇن رەڭ چاقناپ، شەھەردە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالار، كەڭ دالىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان كاچالكىلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن رەڭگە كىردى. جاسارەتلىك نېفىت شەھىرىنىڭ گۈزەل قىياپىتى بىلەن يېقىملىق گۇگۇم مەنزىرىسى ئۆزئارا سىڭىشىپ، شېئىرىي تۈسكە ئىگە ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقتى.








(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: قاراماي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى